4 يۈسۈپنىڭ ئوغۇللىرى، يەنى ئەفرايىم بىلەن ماناسسەنىڭ ئەۋلادلىرى ئۆزلىرىگە تەقسىم قىلىنغان زېمىنلارغا ئىگە بولدى.
يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى يوشۇۋانىڭ ئالدىغا كېلىپ: _ پەرۋەردىگار بىزگە بەرىكەت بەردى. بىزنىڭ ئادەملىرىمىز شۇنچە كۆپ تۇرسا، سەن نېمە ئۈچۈن بىزگە بىر پارچىلا زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىسەن؟ _ دەپ سورىدى.
ئەفرايىم قەبىلىسىگە جەمەتلەر بويىچە بېرىلگەن زېمىنلار: ئۇلارغا تەقسىم قىلىنغان زېمىننىڭ جەنۇبىي پاسىلى شەرقتە ئاتروت-ئاددار شەھىرىدىن باشلىنىپ، ئۈستۈن بەيت-خورون شەھىرىگە تۇتىشىپ،
ئىككىنچى ئوغلىغا «خۇدا مېنى ئازاب-ئوقۇبەتلىك يەردە پەرزەنتكە ئېرىشتۈردى» دەپ، ئەفرايىم [ئىبرانىي تىلىدىكى «ئىككى قېتىم مېۋىلەش» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دەپ ئىسىم قويدى.
يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى ماناسسە ۋە ئەفرايىم دەپ، ئىككى قەبىلىگە ئايرىلاتتى. لاۋىي قەبىلىسىگە ھېچقانداق زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىلمىگەنىدى. ئۇلارغا پەقەت ياشىشى ئۈچۈن ئەتراپىدا مال-چارۋا باقىدىغان ئوتلاقلىرى بولغان شەھەرلەر بېرىلگەنىدى.
بۇ زېمىنلار يەتتە پارچىغا بۆلۈنسۇن. جەنۇبتىكى زېمىنلار يەھۇدا قەبىلىسىگە، شىمالدىكى زېمىنلار يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرىغا قالدۇرۇلسۇن.
ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: _ ئىسرائىل زېمىنىنى ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىگە مۈلۈك قىلىپ بۆلۈپ بېرىڭلار. يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى ئىككى ئۈلۈش ئالسۇن،