Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 16:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 كېيىن يەنە غەربكە سوزۇلۇپ، يافلېتلارنىڭ زېمىنىدىن ئۆتۈپ، ئاستىن بەيت-خورون شەھىرىگىچە بېرىپ، ئۇ يەردىن يەنە گەزەر شەھىرىگىچە سوزۇلۇپ، ئاخىرى ئوتتۇرا دېڭىزغا بېرىپ توختايدۇ.

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 16:3
9 Referans Kwoze  

پادىشاھ سۇلايمان ئۈستۈن بەيت-خورون ۋە ئاستىن بەيت-خورون شەھەرلىرىنىڭ سېپىللىرىنى كېڭەيتىپ قۇردى ۋە سېپىللارغا دەرۋازا ئورنىتىپ، بالداق بېكىتىپ، شەھەرلەرنى مۇستەھكەملىدى.


بۇ يەردىن لۇز، يەنى بەيتەل شەھىرىگە تۇتىشىپ، ئاستىن بەيت-خورون شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى ئېدىرلىققا جايلاشقان ئاتروت-ئاددار شەھىرىگە تۇتىشىدۇ.


بۇ چاغدا، گەزەرنىڭ پادىشاھى ھورام قوشۇن باشلاپ، شەھەردىكىلەرگە ياردەمگە كەلگەنىدى. ئەمما يوشۇۋا ھورام پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ قوشۇنىنىمۇ قىرىپ تاشلاپ، ھېچكىمنى تىرىك قالدۇرمىدى.


ئەفرايىمنىڭ ئەۋلادلىرى جەنۇبتا بەيتەل شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلار، شەرقتە نائاران شەھىرى، غەربتە گەزەر شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلار، شەكەم ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلار ۋە ئەڭ يىراق بولغاندا ئايياھ شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپتىكى يېزىلارغىچە ئورۇنلاشقانىدى.


ئەفرايىمنىڭ شەئەرا ئىسىملىك بىر قىزى بار ئىدى. شەئەرا ئۈستۈن بەيت-خورون ۋە ئاستىن بەيت-خورون شەھەرلىرىنى ھەمدە ئۇزېن-شەئەرا شەھىرىنى قۇرغانىدى.


غەرب تەرەپتىكى چېگراڭلار ئوتتۇرا دېڭىز بولىدۇ.


يەنە بىر قىسمى غەربكە، يەنى بەيت-خورونغا بارىدىغان يولغا چۈشتى. ئۈچىنچى بىر قىسمى چۆلنىڭ چېتىدىكى زىبوئىم جىلغىسىغا قاراپ ماڭدى.


شۇنىڭدىن كېيىن گەزەر دېگەن يەردە فىلىستىيەلىكلەر بىلەن يەنە بىر قېتىم ئۇرۇش بولدى. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا خۇشاھلىق سىببىكاي رافاھ خەلقىدىن بولغان سىپپاي ئىسىملىك بىر پالۋاننى ئۆلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن فىلىستىيەلىكلەر بويسۇندى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite