2 جەنۇبىي پاسىل بەيتەل، يەنى لۇز شەھىرىدىن باشلىنىپ، ئاتاروت شەھىرىدىكى ئاركىلارنىڭ زېمىنىغا بارىدۇ.
بۇ يەردىن لۇز، يەنى بەيتەل شەھىرىگە تۇتىشىپ، ئاستىن بەيت-خورون شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى ئېدىرلىققا جايلاشقان ئاتروت-ئاددار شەھىرىگە تۇتىشىدۇ.
بۇ يەرنىڭ بۇرۇنقى ئىسمى لۇز بولسىمۇ، ياقۇپ ئۇنى بەيتەل [مەنىسى «خۇدانىڭ ئۆيى»] دەپ ئاتىدى.
ئاخىتوفەل پادىشاھنىڭ مەسلىھەتچىسى ئىدى. ئاركى جەمەتىدىن بولغان خۇشاي پادىشاھنىڭ دوستى ئىدى.
داۋۇتنىڭ دوستى، يەنى ئاركى جەمەتىدىن بولغان خۇشاي ئابسالومنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: _ پادىشاھ ئالىيلىرى ياشىغايلا! _ دېدى.
داۋۇت تاغنىڭ ئۈستىگە، يەنى كىشىلەر خۇداغا سەجدە قىلىدىغان يەرگە يېتىپ كەلگەندە، ئاركى جەمەتىدىن بولغان خۇشاي كىيىملىرىنى يىرتىپ، بېشىغا توپا چاچقان ھالدا ئۇنى شۇ يەردە كۈتۈۋالدى.
ئەفرايىمنىڭ ئەۋلادلىرى جەنۇبتا بەيتەل شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلار، شەرقتە نائاران شەھىرى، غەربتە گەزەر شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلار، شەكەم ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلار ۋە ئەڭ يىراق بولغاندا ئايياھ شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپتىكى يېزىلارغىچە ئورۇنلاشقانىدى.
شۇنداق قىلىپ، داۋۇتنىڭ دوستى خۇشاي يېرۇسالېمغا قايتىپ كەتتى. دەل شۇ ۋاقىتتا ئابسالوممۇ يېرۇسالېمغا كىردى.