Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 15:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 كېيىن يىبۇسلار شەھىرىنىڭ (يېرۇسالېم شەھىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) جەنۇبىي تەرىپىدىكى بەنھىننوم جىلغىسىدىن ئۆتۈپ، ھىننوم جىلغىسىنىڭ غەربىدىكى ئېدىرلىققا، يەنى رافاھلار جىلغىسىنىڭ شىمال تەرىپىنىڭ ئاخىرىغىچە بارىدۇ.

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 15:8
17 Referans Kwoze  

كېيىن يەنە رافاھلار جىلغىسىنىڭ شىمال تەرىپىدىكى ۋە بەنھىننوم جىلغىسى يېنىدىكى ئېدىرلىقتىن تۆۋەنگە قاراپ، ھىننوم جىلغىسىنى بويلاپ، يىبۇسلار شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى ئېدىرلىقتىن ئۆتۈپ، روگېل بۇلىقىغا بارىدۇ.


لېكىن يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر يېرۇسالېمدىكى يىبۇسلارنى قوغلاپ چىقىرىشقا ئامالسىز قالغاچقا، يىبۇسلار داۋاملىق يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە ياشاپ كەلمەكتە.


بۇ قېتىم ئۇ ئۇنىماي، توقىلىنى ئېلىپ ئىككى ئېشىكى بىلەن يولغا چىقتى. ئۇلار مېڭىپ يىبۇس، يەنى يېرۇسالېمغا يېقىن كېلىپ قالدى.


زېلا، ھائەلەف، يىبۇس (يېرۇسالېم)، گىبئاھ، قىريات قاتارلىق 14 شەھەر بولۇپ، ئەتراپىدىكى يېزىلارمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدە. مانا بۇلار بىنيامىن قەبىلىسىگە جەمەتلەر بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىنلاردۇر.


ئۇ يەنە كىشىلەرنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىنى ئىلاھ مولەككە ئاتاپ قۇربانلىق قىلىپ، ئوتتا كۆيدۈرمەسلىكى ئۈچۈن بەنھىننوم جىلغىسىدىكى قۇربانلىق سۇپىسىنى ۋەيران قىلدى.


لېكىن بىنيامىن قەبىلىسى يېرۇسالېم شەھىرىدىكى يىبۇسلارنى قوغلاپ چىقارمىدى. شۇڭا يىبۇسلار داۋاملىق بىنيامىن قەبىلىسى بىلەن بىرگە ياشاپ كەلمەكتە.


ئاندىن يەرەمىيا پەرۋەردىگار ئۇنى ۋەھىي يەتكۈزۈشكە ئەۋەتكەن توفەت دېگەن جايدىن كەتتى. ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ھويلىسىدا تۇرۇپ، بارلىق خەلققە مۇنداق دېدى:


شۇنىڭ ئۈچۈن مەن پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى، كىشىلەرنىڭ بۇ جاينى ئەمدى توفەت ياكى بەنھىننوم جىلغىسى دەپ ئاتىمايدىغان ۋاقىت كېلەي دەپ قالدى. ئەمدى ئۇلار بۇ جىلغىنى قىرغىنچىلىق جىلغىسى دەپ ئاتايدۇ!


«ساپال پارچىلىرى دەرۋازىسى»دىن چىقىپ، بەنھىننوم جىلغىسىغا بارغىن. شۇ يەردە ساڭا ئېيتقان سۆزلىرىمنى جاكارلايسەن:


ئۇنىڭ پۈتكۈل زېمىنى ھوسۇل يىغىۋېلىنغاندىن كېيىنكى ئېتىزلىققا ئوخشاپ قالىدۇ. ئۇ يەرلەر زىرائەتلەر يىغىۋېلىنغاندىن كېيىنكى رافاھ جىلغىسىدەك قاقاس بولۇپ قالىدۇ.


ئۇ بەنھىننوم جىلغىسىدا بۇتلارغا ئاتاپ قۇربانلىقلارنى كۆيدۈردى ھەمدە پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ كۆز ئالدىدا زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىۋەتكەن يات ئەللەرنى دوراپ، يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلدى، ھەتتا ئۆز ئوغۇللىرىنىمۇ قۇربانلىق قىلىپ، ئوتتا كۆيدۈردى.


كېيىن فىلىستىيەلىكلەر يەنە كېلىپ، رافاھلار جىلغىسىنىڭ ھەممە يېرىدە بارگاھ قۇردى.


فىلىستىيەلىكلەر كېلىپ، رافاھلار جىلغىسىنىڭ ھەممە يېرىدە بارگاھ قۇردى.


يەھۇدا قەبىلىسى يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇ شەھەرنى ئىگىلىدى ۋە ئاھالىسىنى قىرغىن قىلىپ، شەھەرگە ئوت قويۇۋەتتى.


پادىشاھ داۋۇت ۋە پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى يېرۇسالېم شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ كەلدى. ئۇ چاغدا يېرۇسالېم يىبۇس دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇ يەردە يىبۇس خەلقى ياشايتتى.


زانوۋاخ، ئادۇللام ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلار، لاكىش ھەم ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئېتىزلار، ئازېقا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلار بولۇپ، بەئەرشەبادىن بەنھىننوم جىلغىسىغىچە بولغان جايلارغا ئولتۇراقلاشتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite