يوشۇۋا 15:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى7 كېيىن بالايىئاپەت جىلغىسىدىن ئۆتۈپ دىبىر شەھىرىگە بېرىپ، ئۇ يەردىن شىمالغا بۇرۇلۇپ، گىلگال شەھىرىگىچە بارىدۇ. گىلگال شەھىرى بولسا جىلغىنىڭ جەنۇبىدىكى ئادۇممىم تاغ داۋىنىنى كېسىپ ئۆتىدىغان يولنىڭ قارشى تەرىپىدە بولۇپ، بۇ پاسىل ئېنشەمەش بۇلىقىغىچە سوزۇلۇپ، روگېل بۇلىقى دېگەن جايدا ئاخىرلىشىدۇ. Gade chapit la |
بۇ چاغدا ئەبىياتارنىڭ ئوغلى يوناتان بىلەن زادوقنىڭ ئوغلى ئاخىمائاز ئۆزلىرىنىڭ شەھەرگە كىرىپ چىقىۋاتقانلىقىنى باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، يېرۇسالېمنىڭ چېتىدىكى روگېل بۇلىقىنىڭ بويىدا كۈتۈپ تۇراتتى. بىر خىزمەتچى قىز ئۇلارغا خەۋەر ئەكېلىپ تۇراتتى. ئۇلار ئاڭلىغانلىرىنى داۋۇت پادىشاھقا يەتكۈزۈپ تۇراتتى.