63 لېكىن يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر يېرۇسالېمدىكى يىبۇسلارنى قوغلاپ چىقىرىشقا ئامالسىز قالغاچقا، يىبۇسلار داۋاملىق يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە ياشاپ كەلمەكتە.
لېكىن بىنيامىن قەبىلىسى يېرۇسالېم شەھىرىدىكى يىبۇسلارنى قوغلاپ چىقارمىدى. شۇڭا يىبۇسلار داۋاملىق بىنيامىن قەبىلىسى بىلەن بىرگە ياشاپ كەلمەكتە.
يەھۇدا قەبىلىسى يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇ شەھەرنى ئىگىلىدى ۋە ئاھالىسىنى قىرغىن قىلىپ، شەھەرگە ئوت قويۇۋەتتى.
كېيىن يىبۇسلار شەھىرىنىڭ (يېرۇسالېم شەھىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) جەنۇبىي تەرىپىدىكى بەنھىننوم جىلغىسىدىن ئۆتۈپ، ھىننوم جىلغىسىنىڭ غەربىدىكى ئېدىرلىققا، يەنى رافاھلار جىلغىسىنىڭ شىمال تەرىپىنىڭ ئاخىرىغىچە بارىدۇ.
نىبشان، تۇز شەھىرى ۋە ئېنگەدى قاتارلىق ئالتە شەھەر بولۇپ، ئەتراپىدىكى يېزىلارمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدە.
ئىسرائىللار ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىگەندە، ئۇلارنى تەلتۆكۈس يوقىتىۋېتەلمىگەنىدى. سۇلايمان قۇرۇلۇشلارنى باشلىغاندا، ئۇلارنى ھاشارغا تۇتقان بولۇپ، ئۇلار شۇنىڭدىن بېرى ھاشارچى بولۇپ كەلمەكتە.
يۇقىرىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى جەمەت باشلىقلىرى ۋە يولباشچىلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى ئۆز جەمەتىنىڭ نەسەبنامىسىدا خاتىرىلەنگەنىدى. ئۇلار يېرۇسالېمدا ياشايتتى.