Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 15:19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

19 ئاكساھ: _ مەن پەقەت بىرلا نەرسە تەلەپ قىلىپ كەلدىم. ئاتا، ماڭا بۇلىقى بار يەرلەردىن بەرسىڭىز، چۈنكى ماڭا بەرگەن يەرلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى جەنۇبىي چۆللۈكتىكى يەرلەر ئىكەن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن كالىب يۇقىرى ۋە تۆۋەندىكى بۇلاقلارنى ئۇنىڭغا بەردى.

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 15:19
8 Referans Kwoze  

شۇ سەۋەبتىن، سىلەرنىڭ بېرىشكە ۋەدە قىلغان مەردلەرچە ئىئانەڭلارنى ئالدىنئالا تەييار قىلىشىڭلار ئۈچۈن، بۇ قېرىنداشلارنىڭ يېنىڭلارغا بىزدىن ئاۋۋال بېرىشىنى زۆرۈر تاپتىم. شۇنداق بولغاندا، ئىئانەڭلارنىڭ تەييارلانغانلىقىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمەس، بەلكى رازىمەنلىك بىلەن قىلىنغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.


ئەمدى ئاجىزەيىڭىز ئېلىپ كەلگەن سوۋغاتلارنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىڭىز بىلەن بىرگە كەلگەن يىگىتلەرگە بەرسىڭىز.


مۇسا يەھۇدا قەبىلىسى توغرىسىدا مۇنداق دۇئا قىلدى: «ئى پەرۋەردىگار، قۇلاق سالغايسەن يەھۇدانىڭ ئىلتىجاسىغا. ئۇلارنى قايتۇرۇپ كەلگەيسەن خەلقىمىزنىڭ ئارىسىغا، ئۇ ئۆز قوللىرى بىلەن ئۆزىنى ھىمايە قىلىدۇ. ياردەم بەرگەيسەن ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرىگە قارشى تۇرۇشىغا».


مېنىڭ سىلىگە ئېلىپ كەلگەن سوۋغىتىمنى قوبۇل قىلغايلا، خۇدا ماڭا ياخشىلىق قىلدى. ئۇ ماڭا ئېھتىياجلىق بولغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى بېغىشلىدى، _ دېدى ياقۇپ. ياقۇپ ئەساۋدىن سوۋغىتىنى قوبۇل قىلىشنى قايتا-قايتا تەلەپ قىلغاچقا، ئەساۋ ئاخىر نائىلاج قوبۇل قىلدى.


كېيىن ئۇ ئاستا-ئاستا كەنئاننىڭ جەنۇبىدىكى نەگېب چۆللۈكىگە يۆتكەلدى.


بىر كۈنى ئاكساھ ئاتىسىنى يەنە بىر پارچە يەر بېرىشكە ماقۇل كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىغا باردى. ئاكساھ ئېشەكتىن چۈشۈشى بىلەنلا ئاتىسى ئۇنىڭدىن: _ نېمىگە كەلدىڭ؟ _ دەپ سورىدى.


تۆۋەندىكىلەر يەھۇدا قەبىلىسىگە جەمەتلەر بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن شەھەرلەر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite