Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 15:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 يەھۇدا قەبىلىسىگە جەمەتلەر بويىچە زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن بولۇپ، بۇ زېمىنلارنىڭ ئەڭ جەنۇبتىكى پاسىلى ئىدوم چېگراسىدىكى زىن چۆلىنىڭ چېتىگىچە تۇتىشاتتى.

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 15:1
13 Referans Kwoze  

جەنۇبىي چېگرايىڭلار تامار شەھىرىدىن غەربىي جەنۇب تەرەپكە سوزۇلۇپ، كادېشتىكى «مىرىبا سۈيى»گىچە بارىدۇ. كېيىن مىسىر چېگراسىدىكى دەريانى پاسىل قىلىپ، ئوتتۇرا دېڭىزغا يېتىپ بارىدۇ. مانا بۇ جەنۇبىي چېگرايىڭلاردۇر.


يەنى بۇ زېمىنلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا پەيغەمبەرگە بۇيرۇغىنى بويىچە چەك تاشلاپ، توققۇز يېرىم قەبىلىگە تەقسىم قىلىنىپ بېرىلدى.


ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى ئاڭلىغان يەنە نۇرغۇن خالايىق يېرۇسالېم شەھىرى، پۈتۈن يەھۇدىيە ئۆلكىسى، ئىدۇمېيا ئۆلكىسى، ئىئوردان دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپى، تىر ۋە سىدون شەھەرلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى جايلاردىن سەلدەك ئېقىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىشتى.


لېكىن بىز پەرۋەردىگارغا نالە-پەرياد قىلغانىدۇق. ئۇ نالىمىزنى ئاڭلاپ، بىر پەرىشتە ئەۋەتىپ بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتى. ھازىر بىز كادېشتا، سېنىڭ زېمىنىڭنىڭ چېگراسىدا تۇرۇۋاتىمىز.


ھارۇن ئىككىڭلار زىن چۆلىدىكى كادېشتا، يەنى مىرىبا سۈيىدە ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئالدىدا ماڭا ساداقەتسىزلىكىڭلارنى كۆرسەتتىڭلار ۋە مۇقەددەسلىكىمگە ھۆرمەت قىلمىدىڭلار.


يەھۇدا زېمىنىنىڭ جەنۇبىي پاسىلى ئۆلۈك دېڭىزنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىن باشلىنىپ،


بۇ زېمىنلار يەتتە پارچىغا بۆلۈنسۇن. جەنۇبتىكى زېمىنلار يەھۇدا قەبىلىسىگە، شىمالدىكى زېمىنلار يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرىغا قالدۇرۇلسۇن.


يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ يېرى رۇبېن قەبىلىسنىڭ يېرىنىڭ جەنۇبىدا بولسۇن. ئۇلارنىڭ يېرى ئىسرائىل زېمىنىنىڭ شەرقىي چېگراسىدىن غەربىي چېگراسىغىچە سوزۇلىدۇ.


لېياھتىن تۇغۇلغانلىرى: رۇبېن (تۇنجى ئوغۇل)، شىمون، لاۋىي، يەھۇدا، ئىسساكار ۋە زەبۇلۇن.


شۇ كۈندىن باشلاپ پادىشاھ سۇلايمان شىمالدىكى لىبو-خامات شەھىرىدىن جەنۇبتىكى مىسىر چېگراسىغا جايلاشقان دەرياغىچە بولغان ئارىلىقتىن كېلىپ توپلانغان پۈتكۈل ئىسرائىللار بىلەن بىرلىكتە پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ ئالدىدا زور جامائەت بولۇپ توپلىنىپ، ئىككى كەررە يەتتە كۈن، يەنى ئون تۆت كۈن كەپە تىكىش ھېيتى ئۆتكۈزدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite