Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 14:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 مەن بىلەن بىللە بارغان ھەمراھلىرىم «ئۇ زېمىندىكىلەر ۋەھشىي ئىكەن!» دەپ، ئىسرائىللارنى ۋەھىمىگە سېلىپ قويغانىدى، لېكىن مەن ئىككىلەنمەي، پەرۋەردىگارىم خۇدانىڭ بىزنى قوغدايدىغانلىقىغا چىن قەلبىمدىن ئىشەندىم.

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 14:8
8 Referans Kwoze  

لېكىن مېنىڭ خىزمەتكارىم كالىب ئۇلارغا ئوخشىمايدۇ، ئۇ پۈتۈن قەلبى بىلەن ماڭا ئەگەشتى. مەن ئۇنى ئۇ بېرىپ باققان ئاشۇ زېمىنغا باشلاپ كىرىمەن. ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ بۇ زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ.


پەقەت يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىبنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر قىلىمەن. ئۇنىڭ ئايىغى تەگكەن ھەممە يەرلەرنى ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئاتا قىلىمەن. چۈنكى ئۇ ماڭا چىن قەلبى بىلەن ئەگەشتى» دېدى.


شۇنىڭدىن بېرى ھىبرون شەھىرى قېناز قەبىلىسىدىن بولغان يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىبنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا تۇرماقتا. چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگارغا، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا چىن قەلبى بىلەن ئەگەشكەنىدى.


لېكىن ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بارغان كىشىلەر: _ بىز ئۇلارغا ھۇجۇم قىلالمايمىز، ئۇلار بىزدىن كۈچلۈك، _ دېيىشتى.


ئۇلار خۇددى زىنا قىلىپ باقمىغان كىشىلەردەك پاك بولۇپ، قوزا نەگە بارسا، ئۇلارمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ شۇ يەرگە بارىدۇ. ئۇلار ئىنسانلار ئارىسىدىن بەدەل بىلەن قۇتقۇزۇۋېلىنغانلار بولۇپ، خۇددى دەسلەپ پىشقان مېۋە خۇداغا ئاتالغىنىدەك، ئۇلار خۇداغا ۋە قوزىغا ئاتالغانلاردۇر.


پەقەت قېناز جەمەتىدىن بولغان يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىب بىلەن نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋالا كىرەلەيدۇ، چۈنكى ئۇلار پۈتۈن قەلبى بىلەن ماڭا ئەگەشتى.»


ئۇ كېچە پۈتۈن جامائەت زارلىنىپ ۋارقىراشتى ۋە قاتتىق يىغلاشتى.


ئەمدى بىز نەگە بارارمىز؟ ئۇ يەرگە بارغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دېيىشىچە، ئۇ يەرنىڭ ئادەملىرى بىزدىن كۈچلۈك ۋە ئېگىزمىش. شەھەرلىرى ھەيۋەتلىك، سېپىللىرى ئېگىزلىكىدىن بۇلۇتقا تاقىشىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ يەردە ئاناقلارنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ بار ئىكەن، شۇڭا بىز قورقۇپ، يۈرەكلىرىمىز ئېغىزلىرىمىزغا تىقىلىپ قالدى» دېيىشتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite