Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 14:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 ئىسرائىللار گىلگالدا قارارگاھ قۇرۇپ تۇرۇۋاتقان چاغدا، يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ بىر قىسىم ئادەملىرى يوشۇۋانىڭ ئالدىغا كىرىپ كېلىشتى. قېناز جەمەتىدىن بولغان يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىب يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى: _ كادېش-بارنېيادا پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ يېقىن ئادىمى مۇسا پەيغەمبەرگە سەن ۋە مەن توغرۇلۇق نېمىلەرنى دېگەنلىكىنى بىلىسەن.

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 14:6
30 Referans Kwoze  

مەن سىلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىشىڭلار ئۈچۈن بېرىشكە ۋەدە قىلغان ئاشۇ زېمىنغا سىلەرنى كىرگۈزمەيمەن. پەقەت يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىب ۋە نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ئۇ زېمىنغا كىرەلەيدۇ.


لېكىن مېنىڭ خىزمەتكارىم كالىب ئۇلارغا ئوخشىمايدۇ، ئۇ پۈتۈن قەلبى بىلەن ماڭا ئەگەشتى. مەن ئۇنى ئۇ بېرىپ باققان ئاشۇ زېمىنغا باشلاپ كىرىمەن. ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ بۇ زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ.


يەھۇدا قەبىلىسىدىن: يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىب،


شۇنىڭدىن بېرى ھىبرون شەھىرى قېناز قەبىلىسىدىن بولغان يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىبنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا تۇرماقتا. چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگارغا، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا چىن قەلبى بىلەن ئەگەشكەنىدى.


كەنئان زېمىنىنى چارلاشقا بارغانلاردىن نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ۋە يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىب كىيىملىرىنى يىرتىشىپ،


ئۇ شەھەرنى كالىبنىڭ ئىنىسى قېنازنىڭ ئوغلى ئوتنىئېل ئالدى. كالىب قىزى ئاكساھنى ئۇنىڭغا بەردى.


پەقەت قېناز جەمەتىدىن بولغان يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىب بىلەن نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋالا كىرەلەيدۇ، چۈنكى ئۇلار پۈتۈن قەلبى بىلەن ماڭا ئەگەشتى.»


ئۇلار مۇسا، ھارۇن ۋە بارلىق ئىسرائىل خەلقى جايلاشقان پاران چۆلىدىكى كادېش دېگەن جايغا قايتتى. ئۇلار ئۇ جايدا مۇسا ۋە ھارۇن ھەم ئۇ يەرگە يىغىلغان بارلىق ئىسرائىل خەلقىگە كەنئان زېمىنىنىڭ مېۋىلىرىنى كۆرسەتتى


ئى رەببىم، پاناھ بولۇپ كەلدىڭ بىزگە، ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە.


ئۇ، خۇداغا مەنسۇپ بولغان كىشىلەرنى تولۇق قوراللاندۇرۇپ، ئۇلارنى ھەرقانداق ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا تەييار تۇرغۇزالايدۇ.


ئەي خۇدانىڭ سادىق بەندىسى، سەن بۇنداق ئىشلاردىن يىراق تۇر. ھەققانىيلىق، ئىخلاسمەنلىك، ئېتىقاد، مېھىر-مۇھەببەت، سەۋر-تاقەت ۋە مۇلايىملىقنى ئىزدە.


ئاندىن خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى تاكى خازائېل خىجىل بولغۇچە ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ تۇردى، ئاخىرىدا ئېلىشا يىغلاپ كەتتى.


بۇ ئىشلاردىن كېيىن ئېلىشا دەمەشققە باردى. بۇ چاغدا ئاررام پادىشاھى بەنھاداد كېسەل بولۇپ قالغانىدى. ئۇ «خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى بۇ يەرگە كەلدى» دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ،


بائال-شالىشاھتىن بىر ئادەم كېلىپ، خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئېلىشاغا تۇنجى يىغىۋېلىنغان ئارپا ئۇنىدا قىلىنغان يىگىرمە نان بىلەن يېڭىدىن يىغىۋېلىنغان بىر خالتا دان بەردى. ئېلىشا خىزمەتكارىغا: _ بۇلارنى كۆپچىلىككە تارقىتىپ بەرگىن، ئۇلار يېسۇن! _ دېدى.


ئېلىشا ئايالغا: _ كېلەر يىلى مۇشۇ چاغدا بىر ئوغۇل پەرزەنت قۇچىقىڭىزدا بولىدۇ، _ دېدى. ئايال: _ ئى خوجام، خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى! ئاجىزەلىرىگە يالغان ئېيتمىغايلا، _ دېدى.


ئۇ ئايال ئېرىگە: _ قاراڭ، بىزنىڭ بۇ يەردىن ئۆتىدىغان ئۇ ئادەمنىڭ ئۆزىنى خۇداغا ئاتىغان بىر ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتىم.


ھېلىقى پەيغەمبەرنى قوغلاپ ماڭدى. ئۇ ئۇنىڭ بىر پىستە دەرىخىنىڭ ئاستىدا ئولتۇرغانلىقىنى كۆردى-دە، ئۇنىڭدىن: _ ئۆزلىرى يەھۇدىيەدىن كەلگەن پەيغەمبەر بولامدىلا؟ _ دەپ سورىدى. ئۇ: _ شۇنداق! _ دەپ جاۋاب بەردى.


پادىشاھ ياروبئام بەيتەلدىكى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئىسرىق سېلىۋاتقاندا، يەھۇدىيەدىن بىر پەيغەمبەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بىلەن يېتىپ كەلدى.


ئۇرۇشتىن كېيىن يوشۇۋا بارلىق ئىسرائىل قوشۇنى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ گىلگالدىكى قارارگاھىغا قايتىشتى.


خەلق ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ ئېرىخا شەھىرىنىڭ شەرقىي تەرىپىنىڭ سىرتىدىكى گىلگالدا قارارگاھ قۇرغان ۋاقىت 1-ئاينىڭ 10-كۈنىگە توغرا كەلدى.


شۇنىڭدىن كېيىن، ئىسرائىللار ئىچىدىن پەرۋەردىگار يۈزمۇيۈز سۆزلەشكەن مۇسادەك بىرمۇ پەيغەمبەر چىقىپ باقمىدى.


خۇددى پەرۋەردىگار ئېيتقاندەك، پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى بولغان مۇسا موئابتا ۋاپات بولدى.


بۇ، خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى مۇسانىڭ دۇنيادىن كېتىش ئالدىدا ئىسرائىللارغا بەخت تىلەپ قىلغان دۇئاسىدۇر.


كالىب مۇسانىڭ ئالدىدىكى كىشىلەرنى تىنچلاندۇرۇپ، مۇنداق خىتاب قىلدى: _ بىز ئاتلىنىپ ئۇ زېمىننىڭ ئىگىدارلىقىنى چوقۇم ئېلىشىمىز كېرەك، بىز جەزمەن شۇنداق قىلالايمىز.


چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئاشۇ چۆلدە چوقۇم ئۆلىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. دەرۋەقە يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىب ۋە نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋادىن باشقىلىرى ئۆلۈپ تۈگىگەنىدى.


پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ھويلىسىغا ئېلىپ كەلدىم ۋە ئۇلارنى يىگداليانىڭ ئوغلى خانان پەيغەمبەرنىڭ شاگىرتلىرى تۇرىدىغان ھۇجرىغا باشلاپ كىردىم. ئۇ ھۇجرا ئىبادەتخانا خىزمەتچىلىرى تۇرىدىغان ھۇجرىنىڭ يېنىدا، شاللۇمنىڭ ئوغلى، يەنى ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرىنىڭ بىرى بولغان مائاسېيا تۇرىدىغان ھۇجرىنىڭ ئۈستىدە ئىدى.


خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى بولغان مۇسانىڭ ئەۋلادلىرى لاۋىي قەبىلىسىنىڭ بىر تارمىقى ھېسابلىناتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite