Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 14:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى ماناسسە ۋە ئەفرايىم دەپ، ئىككى قەبىلىگە ئايرىلاتتى. لاۋىي قەبىلىسىگە ھېچقانداق زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىلمىگەنىدى. ئۇلارغا پەقەت ياشىشى ئۈچۈن ئەتراپىدا مال-چارۋا باقىدىغان ئوتلاقلىرى بولغان شەھەرلەر بېرىلگەنىدى.

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 14:4
13 Referans Kwoze  

ياقۇپ يەنە: _ ئەي يۈسۈپ، مەن مىسىرغا كەلمەستە، سەن بۇ يەردە ئىككى ئوغۇللۇق بولۇپسەن. بۇ ئىككى ئوغلۇڭ، يەنى ئەفرايىم بىلەن ماناسسە رۇبېن بىلەن شىمونغا ئوخشاش مېنىڭ ئوغۇللىرىم ھېسابلانسۇن.


يۈسۈپ: «خۇدا پۈتۈن دەردىمنى ۋە ئاتامنىڭ ئائىلىسىنى كۆڭلۈمدىن كۆتۈرۈۋەتتى» دەپ، تۇنجى ئوغلىغا ماناسسە [ئىبرانىي تىلىدىكى «ئۇنتۇلدۇرغان» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دەپ ئىسىم قويدى.


يۈسۈپ مىسىردا ئون دېگەن شەھەرنىڭ روھانىيسى پوتىفېرانىڭ قىزى ئاسىناتتىن ماناسسە ۋە ئەفرايىم ئىسىملىك ئىككى ئوغۇل كۆرگەنىدى.


بىرمەزگىلدىن كېيىن يۈسۈپكە ئاتىسىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر يەتتى. شۇڭا يۈسۈپ ئىككى ئوغلى ماناسسە بىلەن ئەفرايىمنى ئېلىپ، ئاتىسىنىڭ يېنىغا باردى.


يۈسۈپنىڭ ماناسسە ۋە ئەفرايىم ئىسىملىك ئىككى ئوغلىدىن كېلىپ چىققان جەمەتلەر تۆۋەندىكىلەر ئىدى:


خىزكىيا پۈتۈن ئىسرائىلىيەلىكلەر ۋە يەھۇدىيەلىكلەرگە ئادەم ئەۋەتىپ، ھەتتا ئەفرايىم ۋە ماناسسە قەبىلىلىرىگە مەكتۇپ يېزىپ، ھەممىسىنى يېرۇسالېمدىكى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا تەكلىپ قىلدى. ئۇ يەردە ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇداغا ئاتاپ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۆتكۈزۈلمەكچىدى.


ئىككىنچى ئوغلىغا «خۇدا مېنى ئازاب-ئوقۇبەتلىك يەردە پەرزەنتكە ئېرىشتۈردى» دەپ، ئەفرايىم [ئىبرانىي تىلىدىكى «ئىككى قېتىم مېۋىلەش» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دەپ ئىسىم قويدى.


باشقا پەرزەنت يۈزى كۆرسەڭ، ئۆزۈڭنىڭ بولسۇن. ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدە ئىگە بولىدىغان مىراس يېرى ئەفرايىم بىلەن ماناسسەنىڭ زېمىنى ئىچىدە بولسۇن.


يۈسۈپنىڭ ئوغۇللىرى، يەنى ئەفرايىم بىلەن ماناسسەنىڭ ئەۋلادلىرى ئۆزلىرىگە تەقسىم قىلىنغان زېمىنلارغا ئىگە بولدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite