Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 14:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 ماڭا قارا، پەرۋەردىگار ۋەدە قىلغىنىدەك، ئۇ مېنىڭ ھاياتىمنى ساقلاپ قالدى، شۇڭا مەن ھازىرغا قەدەر ياشاپ كەلدىم. پەرۋەردىگار مۇسا پەيغەمبەرگە ۋەدە قىلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە 45 يىل ئۆتۈپ كەتتى. ئۇ ۋاقىتتا ئىسرائىل خەلقى چۆل-باياۋانلاردا سەرگەردان بولۇپ يۈرۈۋاتقانىدى. ماڭا قارا، مەن ھازىر 85 ياشقا كىردىم.

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 14:10
9 Referans Kwoze  

مەن سىلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىشىڭلار ئۈچۈن بېرىشكە ۋەدە قىلغان ئاشۇ زېمىنغا سىلەرنى كىرگۈزمەيمەن. پەقەت يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىب ۋە نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ئۇ زېمىنغا كىرەلەيدۇ.


ئىسرائىللار بۇ پادىشاھلار بىلەن ئۇزۇن مەزگىل ئۇرۇش قىلدى.


يوشۇۋا ياشىنىپ، قېرىپ قالغانىدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ سەن ياشىنىپ، قېرىپ قالدىڭ. لېكىن سەن تېخى بويسۇندۇرۇشقا تېگىشلىك بولغان يەنە كۆپ زېمىنلار بار.


شۇ چاغدا مۇسا پەيغەمبەر: «سېنىڭ قەدىمىڭ يەتكەن يەرلەرنىڭ ھەممىسى ساڭا ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا مەڭگۈ تەۋە بولسۇن، چۈنكى سەن پەرۋەردىگارىمىزغا چىن قەلبىڭ بىلەن ئەگەشتىڭ» دەپ قەسەم بەرگەنىدى.


مەن ھازىرمۇ مۇسا پەيغەمبەر مېنى چارلاشقا ئەۋەتكەن چاغدىكىدەك تىمەن تۇرۇپتىمەن، ھازىرمۇ شۇ چاغدىكىدەك ئۇرۇش ۋە باشقا ھەممە ئىشلارنى قىلالايمەن.


گەرچە مىڭلىغان كىشىلەر يىقىلسىمۇ بۇ يېنىڭدا، تۈمەنلىگەن جەسەتلەر ياتسىمۇ ئۇ يېنىڭدا، بالا-قازالار ھېچ يېقىنلاشماس ساڭا.


بەزىلىرى كېزىپ ئادەم ئاياغ باسمىغان باياۋاننى، تاپالمىدى ئادەم ماكان تۇتقان ھېچبىر يەرنى.


چارلاشقا بارغانلاردىن پەقەت نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ۋە يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىبلا ئامان قالدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite