Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 14:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 ئىسرائىل خەلقىنىڭ قالغان قەبىلىلىرى روھانىي ئەلئازار، نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ۋە قەبىلە ئاقساقاللىرىنىڭ تەقسىم قىلىپ بېرىشى بىلەن كەنئان زېمىنىغا ئىگە بولدى.

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 14:1
10 Referans Kwoze  

ئۇ قانان زېمىنىدىكى يەتتە مىللەتنى يوقىتىپ، ئۇلارنىڭ زېمىنلىرىنى ئىسرائىل خەلقىگە زېمىنلىققا بەردى.


مۇسا ئىسرائىللارغا مۇنداق دېدى: _ مانا بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ئىسرائىللارنىڭ توققۇز يېرىم قەبىلىسىگە چەك تارتىش ئارقىلىق تەقسىم قىلىنىدىغان زېمىندۇر.


پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:


لېكىن سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئاتا قىلغان زېمىندا ئولتۇراقلىشىسىلەر. پەرۋەردىگار چېگرايىڭلارنى ئامان قىلىپ، سىلەرنى خاتىرجەملىككە ئېرىشتۈرىدۇ.


ۋە يەنە لىۋان تاغلىرىدىن مىسرېفوت-مايىمغىچە بولغان زېمىننى، يەنى سىدونلۇقلارنىڭ پۈتكۈل زېمىنلىرىنى ئىگىلىشىڭلار كېرەك. مەن بۇ زېمىنلاردىكى خەلقلەرنى ئىسرائىل خەلقىنىڭ كۆز ئالدىدا قوغلاپ چىقىرىمەن. سەن پەقەت مېنىڭ بۇيرۇقۇم بويىچە بۇ زېمىنلارنى ئىسرائىل خەلقىگە مۈلۈك قىلىپ تەقسىملەپ بەرگىن.


يۇقىرىدىكى زېمىنلارنى روھانىي ئەلئازار، نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ۋە قەبىلە ئاقساقاللىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا، يەنى شىلودىكى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا چەك تاشلاپ، ئىسرائىللارغا تەقسىم قىلىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىش تاماملاندى.


لاۋىي قەبىلىسىنىڭ ئاقساقاللىرى كەنئان زېمىنىدىكى شىلو شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان روھانىي ئەلئازار، نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ۋە ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇلارغا: _ پەرۋەردىگار مۇسا پەيغەمبەرگە بىزگە شەھەر ۋە مال-چارۋىلىرىمىزغا ئوتلاق بېرىشنى بۇيرۇغانىدى، _ دېدى.


بۇققى ئابىشۇۋانىڭ ئوغلى، ئابىشۇۋا پىنىخاسنىڭ ئوغلى، پىنىخاس ئەلئازارنىڭ ئوغلى، ئەلئازار بولسا تۇنجى باش روھانىي ھارۇننىڭ ئوغلى ئىدى.


_ ئىسرائىل زېمىنىنى ئىسرائىل قەبىلىلىرىگە مۈلۈك قىلىپ تەقسىم قىلغىنىڭلاردا، بىر پارچە يەرنى مەن پەرۋەردىگارغا ئايرىپ قويۇڭلار. بۇ يەرنىڭ ئۇزۇنلۇقى 12.5 كىلومېتىر، كەڭلىكى 10 كىلومېتىر بولسۇن. بۇ يەرنى مۇقەددەس يەر دەپ ئاتاڭلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite