Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 13:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 ئۇلارنىڭ زېمىنى ئارنون جىلغىسىدىكى ئاروئېر شەھەردىن باشلىنىپ، جىلغىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى شەھەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا مېدىبا شەھىرى جايلاشقان پۈتۈن ئېگىزلىكتىن ھالقىپ ئۆتۈپ، دىبون شەھىرىگىچە سوزۇلۇپ بارىدۇ.

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 13:9
15 Referans Kwoze  

ئۇلارنىڭ زېمىنى ئارنون جىلغىسىنىڭ چېتىدىكى ئاروئېر شەھىرىدىن باشلىنىپ، جىلغىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى شەھەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا مېدىبا شەھىرى ئورۇنلاشقان پۈتۈن ئېگىزلىككە سوزۇلغان.


بىز ئۇلارنى قىرىپ تاشلىدۇق، خەشبون ۋەيران بولدى تاكى دىبونغىچە. پايخان قىلدۇق ئۇلارنى تاكى نوفاخقىچە، نوفاختىن ھەتتا مېدىباغىچە.»


دىبون، نىبو ۋە بەيت-دىبلاتايىم،


ئەي دىبون شەھىرىدە ياشايدىغانلار، مەرتىۋىلىك ئورنۇڭلاردىن چۈشۈپ، قۇرۇق يەردە ئولتۇرۇڭلار. چۈنكى موئابنى ۋەيران قىلغۇچىلار سىلەرگىمۇ ھۇجۇم قىلىپ، مۇستەھكەم شەھەرلىرىڭلارنى ۋەيران قىلىدۇ.


موئابتىكى دىبون شەھىرىنىڭ خەلقى ئۆز بۇتخانىسىغا بارىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ سەجدىگاھلىرىغا بېرىپ نالە-پەرياد قىلىپ يىغلىشىدۇ. موئابلار نىبو ۋە مېدىبا شەھەرلىرى ئۈچۈن ھازا ئېچىشىدۇ. ئۇلار مۇسىبەتتە چاچ-ساقاللىرىنى چۈشۈرۈۋېتىدۇ.


ئىسرائىللار ئالدى بىلەن خەشبون شەھىرىدىكى ئامورلارنىڭ پادىشاھى سىخوننى مەغلۇپ قىلغانىدى. ئۇنىڭ زېمىنى ئارنون جىلغىسىنىڭ قىرغىقىغا جايلاشقان ئاروئېر شەھىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئارنون جىلغىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن تارتىپ، ئاممونلارغا چېگرالىنىدىغان ياببوق جىلغىسىغىچە ئىدى. بۇ زېمىن گىلئاد زېمىنىنىڭ جەنۇبىي يېرىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.


گىلئادتىن ئارنون جىلغىسىغىچە بولغان زېمىننى رۇبېن ۋە گاد قەبىلىلىرىگە بۆلۈپ بەردىم. ئارنون جىلغىسىنىڭ ئوتتۇرىسى بۇ ئىككى قەبىلىگە تەۋە زېمىنلارنىڭ جەنۇبىي چېگراسى ئىدى، ئۇلارنىڭ زېمىنى ئامموننىڭ چېگراسى بولغان ياببوق دەرياسىغىچە سوزۇلغانىدى.


_ بىز بۇ زېمىنلارنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، مەن ئارنون جىلغىسىغا جايلاشقان ئاروئېرنىڭ شىمالىدىكى رايونلارنى، گىلئاد تاغلىق رايونىنىڭ يېرىمىنى ۋە ئۇ يەردىكى شەھەرلەرنى رۇبېن ۋە گاد قەبىلىلىرىگە بۆلۈپ بەردىم.


ئارنون جىلغىسىنىڭ چېتىگە جايلاشقان ئاروئېر شەھىرى ۋە جىلغىنىڭ ئىچىدىكى شەھەردىن تارتىپ تاكى گىلئادقىچە بولغان ئارىلىقتىكى بارلىق شەھەرلەرمۇ بىزگە تاقابىل تۇرالمىدى. پەرۋەردىگارىمىز خۇدا ئۇ يەرلەرنىڭ ھەممىسىنى بىزنىڭ قولىمىزغا تاپشۇردى.


پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەر ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى زېمىنلارنى ئاللىقاچان ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىنىڭ ۋە رۇبېن، گاد قەبىلىلىرىنىڭ ئىگىدارچىلىق قىلىشىغا تەقسىم قىلىپ بەرگەنىدى.


بۇ زېمىنلار يەنە ئەڭ شەرقتىكى ئاممونلارنىڭ چېگراسىغا تۇتاشقان بولۇپ، سىخون پادىشاھلىقىنىڭ بارلىق شەھەرلىرى، ئامورلار پادىشاھى ھۆكۈمرانلىق قىلغان خەشبون شەھەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


ئۇلار ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، جىلغىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان ئاروئېر شەھىرىنىڭ جەنۇبىدا چۈشكۈن قىلدى. ئاندىن گاد زېمىنىنى بېسىپ ئۆتۈپ يازېر شەھىرىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى.


ئۇلار يەنە 32 مىڭ ھارۋىلىق لەشكەرلەر، شۇنداقلا مائاكا پادىشاھىنىڭ قوشۇنىنى ياللىدى. مائاكانىڭ پادىشاھى كېلىپ، مېدىبا شەھىرىنىڭ ئالدىدا بارگاھ قۇردى. ئاممونلارمۇ ئۆز شەھەرلىرىدىن يىغىلىشىپ جەڭگە ئاتلاندى.


يەھۇدىيەنىڭ يېزىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى تېرىلغۇ جايلىرىغا كەلسەك، يەھۇدا قەبىلىسىدىكى بەزىلەر قىريات-ئاربا، دىبون ۋە يىقابزىئېل ھەم ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلارغا ئولتۇراقلاشتى.


ۋەيران قىلغۇچىلار ھەربىر شەھەرگە كېلىدۇ. ھېچقانداق شەھەر قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. جىلغىلاردىكى يېزا-قىشلاقلار ۋەيران قىلىنىدۇ. ئېگىزلىككە جايلاشقان شەھەرلەر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite