Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 13:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەر ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى زېمىنلارنى ئاللىقاچان ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىنىڭ ۋە رۇبېن، گاد قەبىلىلىرىنىڭ ئىگىدارچىلىق قىلىشىغا تەقسىم قىلىپ بەرگەنىدى.

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 13:8
11 Referans Kwoze  

ئىلگىرى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا ۋە ئىسرائىللار بۇ پادىشاھلارنى مەغلۇپ قىلغانىدى. مۇسا پەيغەمبەر بۇ زېمىنلارنى رۇبېن، گاد ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىغا مۈلۈك قىلىپ بەرگەنىدى.


ھازىر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئۆز ۋەدىسى بويىچە سىلەرگە ئامانلىق بەردى. سىلەر ئەمدى، ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەر سىلەرگە تەقسىم قىلىپ بەرگەن زېمىنلاردىكى يۇرتۇڭلارغا قايتىڭلار.


رۇبېن ۋە گاد قەبىلىسى ھەم ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمى مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ئېيتقىنى بويىچە قوراللىنىپ، قالغان خەلقتىن بۇرۇن دەريادىن ئۆتتى.


لېكىن بىز ئۇلار بىلەن ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا زېمىن بۆلۈشمەيمىز. چۈنكى بىز ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى زېمىنلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىمىز.


شۇنداق قىلىپ، بىز ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ھەر ئىككى ئامور پادىشاھىنىڭ زېمىنىنى تارتىۋالدۇق. ئارنون جىلغىسىدىن تاكى خەرمون تېغىغىچە بولغان يەرلەر بىزنىڭ بولدى.


ئىسرائىللار ئاللىبۇرۇن ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى پادىشاھلارنى مەغلۇپ قىلىپ، زېمىنلىرىنى ئىگىلىگەنىدى. بۇ پادىشاھلارنىڭ زېمىنى جەنۇبتا ئارنون جىلغىسىدىن تارتىپ، شىمالدا خەرمون تېغىغىچە ئىدى. بۇ ئىئوردان دەرياىسىنىڭ شەرقىدىكى رايوننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.


يەنى سەن بۇ زېمىنلارنى توققۇز ئىسرائىل قەبىلىسى بىلەن ماناسسە قەبىلىسىنىڭ غەربىي يېرىمىغا مۈلۈك قىلىپ تەقسىملەپ بەرگىن.


ئۇلارنىڭ زېمىنى ئارنون جىلغىسىدىكى ئاروئېر شەھەردىن باشلىنىپ، جىلغىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى شەھەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا مېدىبا شەھىرى جايلاشقان پۈتۈن ئېگىزلىكتىن ھالقىپ ئۆتۈپ، دىبون شەھىرىگىچە سوزۇلۇپ بارىدۇ.


بىر قىسىملىرى بولسا ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، گاد ۋە گىلئاد زېمىنىغا ئۆتۈپ كەتتى. سائۇل تېخىچە گىلگالدا ئىدى. ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ۋەھىمە باستى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite