Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 13:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 ۋە يەنە لىۋان تاغلىرىدىن مىسرېفوت-مايىمغىچە بولغان زېمىننى، يەنى سىدونلۇقلارنىڭ پۈتكۈل زېمىنلىرىنى ئىگىلىشىڭلار كېرەك. مەن بۇ زېمىنلاردىكى خەلقلەرنى ئىسرائىل خەلقىنىڭ كۆز ئالدىدا قوغلاپ چىقىرىمەن. سەن پەقەت مېنىڭ بۇيرۇقۇم بويىچە بۇ زېمىنلارنى ئىسرائىل خەلقىگە مۈلۈك قىلىپ تەقسىملەپ بەرگىن.

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 13:6
13 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگار دۈشمەنلەرنى ئىسرائىللارنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. ئىسرائىللار ئۇلارنى بۈيۈك سىدون شەھىرى ۋە مىسرېفوت-مايىمغىچە، شۇنداقلا مىزپاھ جىلغىسىنىڭ شەرقىغىچە قوغلاپ بېرىپ، بىرمۇ ئادەمنى تىرىك قالدۇرمىدى.


بىلىڭلاركى، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بۇ يات خەلقلەرنى زېمىنىڭلاردىن قوغلاپ چىقارمايدۇ. شۇنداقلا سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان بۇ گۈزەل زېمىندا تاكى ھالاك بولمىغۇچە، ئۇلار سىلەرگە تۇزاق، قاپقان ياكى دۈمبەڭلارغا ئۇرۇلغان قامچا، كۆزۈڭلارغا قادالغان تىكەن بولىدۇ.


مەن سىلەرنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىڭلارغا شەرقتە ئىئوردان دەرياسىدىن تارتىپ، غەربتە ئوتتۇرا دېڭىزغىچە بولغان زېمىنلارنى تەقسىم قىلىپ بەردىم. مەن سىلەرگە بىز بويسۇندۇرغان بارلىق يات خەلقلەرنىڭ زېمىنلىرىنى ۋە بىز تېخى بويسۇندۇرمىغان يات خەلقلەرنىڭ زېمىنلىرىنىمۇ تەقسىم قىلىپ بەردىم.


جەمەتلەر بويىچە چەك تارتىپ، يەرلەرنى تەقسىملەڭلار. جان سانى كۆپلەرگە كۆپ، جان سانى ئازلارغا ئاز بولسۇن. چەككە قايسى يەر چىقسا شۇ يەرگە ئىگە بولسۇن. مۇشۇ يول بىلەن قەبىلەڭلارغا زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىڭلار.


يەنى سەن بۇ زېمىنلارنى توققۇز ئىسرائىل قەبىلىسى بىلەن ماناسسە قەبىلىسىنىڭ غەربىي يېرىمىغا مۈلۈك قىلىپ تەقسىملەپ بەرگىن.


مىسىردىن ئېلىپ كەلدىڭ بىر تۈپ ئۈزۈم كۆچىتى، يات ئەللەرنى قوغلاپ ئۆزۈڭ تىكتىڭ ئۇنى.


سەن قەيسەر ۋە جاسارەتلىك بول! چۈنكى سەن ئۆز خەلقىڭنى مەن ئەجدادلىرىڭغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلىشقا ئېلىپ بارىسەن.


يوشۇۋا پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەرنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە، شىمالدىكى بارلىق شەھەرلەرنى ئىگىلەپ، ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىنى تەلتۆكۈس ئۆلتۈردى. بۇ شەھەرلەردىكى بارلىق ئادەملەرنى قىلىچ بىلەن قىرىپ تاشلىدى.


پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا يات خەلقلەرنى سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا شۇ زېمىنلاردىن قوغلاپ چىقىرىدۇ، پەرۋەردىگار سىلەرگە ۋەدە قىلغىنىدەك، سىلەر شۇ زېمىنلارغا ئىگە بولىسىلەر!


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite