Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 13:33 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

33 ئەمما مۇسا پەيغەمبەر لاۋىي قەبىلىسىگە ھېچقانداق زېمىن تەقسىم قىلىپ بەرمىدى، چۈنكى پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىل خەلقى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئۇلارغا: «مەن سىلەرنىڭ نېسىۋەڭلار بولىمەن» دەپ ۋەدە قىلغانىدى.

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 13:33
7 Referans Kwoze  

لېكىن لاۋىي قەبىلىسىگە ھېچقانداق زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىلمەيدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ زېمىنى، يەنى نېسىۋىسى پەرۋەردىگارنىڭ روھانىيسى بولۇشتۇر. گاد قەبىلىسى، رۇبېن قەبىلىسى ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمى ئۆزلىرىگە تەۋە زېمىنغا ئىگە بولۇپ بولغان. ئۇلارغا بۇ زېمىننى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەر ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىن بەرگەن.


مۇسا پەيغەمبەر پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنى بويىچە پەقەت لاۋىي قەبىلىسىگىلا ھېچقانداق زېمىن تەقسىم قىلمىغان ئىدى. چۈنكى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇداغا سۇنۇلغان ھەدىيەلەر ئۇلارنىڭ زېمىنى ئورنىدا تەقسىم قىلىنغان نېسىۋىسى ئىدى.


شۇڭا ھەرقايسى قەبىلىلەر ئارىسىدا پەقەت لاۋىيلارنىڭ تەقسىملەپ بېرىلگەن زېمىنى يوقتۇر. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئۇلارغا ئېيتقىنىدەك، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزى ئۇلارنىڭ نېسىۋىسىدۇر.)


پەرۋەردىگار ھارۇنغا يەنە مۇنداق دېدى: _ ئىسرائىللار ئىگە بولماقچى بولغان زېمىندا سېنىڭ ئۈلۈشۈڭ بولمايدۇ. ئۇلارغا نېسىۋە قىلىپ بېرىلگەن زېمىندىمۇ سېنىڭ نېسىۋەڭ بولمايدۇ. چۈنكى مەن ئۆزۈم سېنىڭ ئىسرائىللار ئارىسىدىكى ئۈلۈشۈڭ ۋە نېسىۋەڭ بولىمەن.


ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىگە ۋە ئېرىخا شەھىرىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى موئاب تۈزلەڭلىكىگە تەۋە بولغان بۇ زېمىنلار مۇسا پەيغەمبەر تەرىپىدىن تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىنلاردۇر.


روھانىيلارغا ئىسرائىل زېمىنىدىن ھېچقانداق زېمىن مۈلۈك قىلىپ بېرىلمىسۇن. ئۇلارنىڭ بىردىنبىر مۈلكى ۋە نېسىۋىسى مەندۇرمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite