Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 13:31 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

31 ۋە يەنە گىلئاد زېمىنىنىڭ يېرىمى ۋە باشان زېمىنىدىكى ئوگ پادىشاھنىڭ پايتەختى بولغان ئاشتاروت ۋە ئەدرەئى شەھەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ زېمىنلار ماناسسەنىڭ ئوغلى ماكىرنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ يېرىمىغا جەمەت بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن.

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 13:31
14 Referans Kwoze  

مەغلۇپ بولغان باشان پادىشاھى ئوگ ئاشتاروت ۋە ئەدرەئى شەھەرلىرىدە ياشايتتى. ئۇ رافاھلارنىڭ قالغانلىرىدىن بىرى ئىدى.


بىز يەنە ئۇنىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدە ياشايدىغان ئامورلارنىڭ ئىككى پادىشاھى، يەنى خەشبون شەھىرىنىڭ پادىشاھى سىخون بىلەن باشان زېمىنىدىكى ئاشتاروت شەھىرىدە ياشايدىغان ئوگ پادىشاھقا قىلغان بارلىق ئىشلىرىنى ئاڭلىدۇق.


يەنى باشان زېمىنىدىكى ئاشتاروت ۋە ئەدرەئى شەھىرىدە ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئوگ پادىشاھنىڭ بارلىق زېمىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پادىشاھ ئوگ رافاھلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئەۋلادى بولۇپ، مۇسا پەيغەمبەر رافاھلارنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇلارنى بۇ زېمىنلاردىن قوغلاپ چىقارغانىدى.


ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىگە ۋە ئېرىخا شەھىرىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى موئاب تۈزلەڭلىكىگە تەۋە بولغان بۇ زېمىنلار مۇسا پەيغەمبەر تەرىپىدىن تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىنلاردۇر.


ماناسسە قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ ئايال ئەۋلادلىرىمۇ ئەر ئەۋلادلارغا ئوخشاش بىر پارچىدىن يەرگە ئىگە بولدى. گىلئاد زېمىنى ماناسسە قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ قالغان ئەر ئەۋلادلىرىغا تەقسىم قىلىپ بېرىلدى.


ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يەنە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. ئۇلار بائال ۋە ئاشتورەت دېگەن بۇتلارغا چوقۇندى. شۇنداقلا ئاررام، سىدون، موئاب، ئاممون ۋە فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ئىلاھلىرىغا چوقۇندى. ئۇلار پەرۋەردىگارغا خىزمەت قىلىشتىن ۋاز كېچىپ، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈدى.


سامۇئىل ئىسرائىللارغا مۇنداق دېدى: _ ئەگەر سىلەر چىن قەلبىڭلاردىن پەرۋەردىگارغا قايتا يېقىنلىشىشنى نىيەت قىلساڭلار، يات ئەللەرنىڭ ئىلاھلىرى ۋە ئىلاھە ئاشتورەتنىڭ بۇتلىرىدىن ئادا-جۇدا بولۇڭلار. ئۆزۈڭلارنى تەلتۆكۈس پەرۋەردىگارغا ئاتاڭلار، ئۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلارلا، ئۇ سىلەرنى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىدۇ.


ئاتا-بوۋاڭلار ئۇلارنىڭ قولىغا چۈشكەندە، پەرۋەردىگارغا نالە-پەرياد قىلىپ: «ئى پەرۋەردىگار، بىز سەندىن يۈز ئۆرۈپ، بائال ۋە ئاشتورەتكە چوقۇنۇپ، گۇناھ قىلدۇق. ئەمدى بىزنى دۈشمەنلىرىمىزنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغايسەن، بىز ساڭا ئىبادەت قىلايلى» دەپ يېلىندى.


گېرشوم جەمەتىگە تۆۋەندىكى شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلار بېرىلدى. ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىنىڭ زېمىنىدىن ئاشتاروت ۋە باشان زېمىنىدىكى گولان،


گىلئاد رايونى مەنسۇپتۇر ماڭا، ماناسسەمۇ ھەم تەئەللۇق ماڭا. ئەفرايىم _ بېشىمدىكى دۇبۇلغامدۇر، يەھۇدا مېنىڭ سەلتەنەت ھاسامدۇر.


شۇنداق قىلىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ قارشى قىرغىقىدىكى گىلئاد زېمىنى بىلەن باشان زېمىنىدىن باشقا، ماناسسە قەبىلىسىگە يەنە ئون پارچە زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىلدى.


گىلئادلىقلار تۇرۇپ قالدى ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدا. توختاپ قالدى نېمىشقا دان قەبىلىسى كېمىلەردە؟ قېلىپ قالدى نېمىشقا ئاشېر قەبىلىسى دېڭىز قىرغىقىدا؟


ماناسسە قەبىلىسىنىڭ يېرى نافتالى قەبىلىسىنىڭ يېرىنىڭ جەنۇبىدا بولسۇن. ئۇلارنىڭ يېرى ئىسرائىل زېمىنىنىڭ شەرقىي چېگراسىدىن غەربىي چېگراسىغىچە سوزۇلىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite