Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 13:29 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

29 مۇسا پەيغەمبەر ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىغا ئۇلارنىڭ جەمەتى بويىچە زېمىن تەقسىم قىلىپ بەرگەن.

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 13:29
10 Referans Kwoze  

بۇ زېمىنلاردىكى شەھەر ۋە ئەتراپىدىكى يېزىلار گاد قەبىلىسىگە جەمەتلەر بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەنىدى.


بۇ زېمىنلار ماخانايىم شەھىرىدىن شىمالغا قاراپ سوزۇلغان بولۇپ، باشان زېمىنى (ئوگ پادىشاھ بۇرۇن ھۆكۈمرانلىق قىلغان زېمىن) ۋە يائىرنىڭ ئىگىدارلىقىدىكى 60 يېزىنى


ماناسسە قەبىلىسىنىڭ يېرى نافتالى قەبىلىسىنىڭ يېرىنىڭ جەنۇبىدا بولسۇن. ئۇلارنىڭ يېرى ئىسرائىل زېمىنىنىڭ شەرقىي چېگراسىدىن غەربىي چېگراسىغىچە سوزۇلىدۇ.


پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئاشۇ زېمىنلارنى بويسۇندۇرغۇچە جەڭ قىلىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆيۈڭلارغا قايتساڭلار بولىدۇ. ئاندىن سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ۋە ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىڭلارنى ئادا قىلغان بولىسىلەر. بۇ زېمىننى پەرۋەردىگار سىلەرگە مەنسۇپ قىلىدۇ.


مۇسا گىلئادنى ماناسسەنىڭ ئوغلى ماكىرنىڭ ئەۋلادلىرىغا بەردى، ئۇ شۇ يەردە ئولتۇراقلاشتى.


گىلئادنىڭ قالغان يېرىمىنى ھەمدە پۈتۈن باشاننى، يەنى ئوگنىڭ پادىشاھلىقىنى ماناسسە قەبىلىسىنىڭ يېرىمىغا بۆلۈپ بەردىم. (باشان، يەنى پۈتۈن ئارگوب زېمىنى رافاھلارنىڭ زېمىنلىرى دەپمۇ ئاتىلاتتى.


شۇنداق قىلىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ قارشى قىرغىقىدىكى گىلئاد زېمىنى بىلەن باشان زېمىنىدىن باشقا، ماناسسە قەبىلىسىگە يەنە ئون پارچە زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىلدى.


ماناسسە قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ ئايال ئەۋلادلىرىمۇ ئەر ئەۋلادلارغا ئوخشاش بىر پارچىدىن يەرگە ئىگە بولدى. گىلئاد زېمىنى ماناسسە قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ قالغان ئەر ئەۋلادلىرىغا تەقسىم قىلىپ بېرىلدى.


مۇسا پەيغەمبەر ماناسسەنىڭ شەرقىي يېرىم قەبىلىسىگە ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى باشان زېمىنىنى تەقسىم قىلىپ بەرگەنىدى (ئۇلارنىڭ قالغان يېرىم قەبىلىسىگە ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىدىن زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن). يوشۇۋا ئۇلارغىمۇ بەخت تىلەپ، ئۆز يۇرتلىرىغا ئۇزىتىپ قويدى.


ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمى بائال-خەرمون، سىنىر ۋە خەرمون تاغلىرىغىچە بولغان باشان زېمىنلىرىدا ياشايتتى. ئۇلارنىڭ نوپۇسى ناھايىتى كۆپ ئىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite