28 بۇ زېمىنلاردىكى شەھەر ۋە ئەتراپىدىكى يېزىلار گاد قەبىلىسىگە جەمەتلەر بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەنىدى.
ئىئوردان ۋادىسىدىكى بەيت-خارام، بەيت-نىمراھ، سۇككوت، زافون شەھىرى، شۇنداقلا سىخون پادىشاھ خەشبوندا تۇرۇپ ھۆكۈمرانلىق قىلغان باشقا زېمىنلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. غەربىي پاسىلى ئىئوردان دەرياسىنى بويلاپ، شىمالدىكى جەلىلىيە كۆلىنىڭ ئايىغىغىچە سوزۇلۇپ، كېيىن شەرققە قايرىلىدۇ.
مۇسا پەيغەمبەر ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىغا ئۇلارنىڭ جەمەتى بويىچە زېمىن تەقسىم قىلىپ بەرگەن.
گاد قەبىلىسى گىلئاد، باشان ۋە ئۇ يەردىكى يېزىلاردا ھەمدە شاروندىكى ئوتلاقلاردا ياشايتتى.