24 مۇسا پەيغەمبەر گاد قەبىلىسىگە ئۇلارنىڭ جەمەتى بويىچە زېمىن تەقسىم قىلىپ بەرگەن.
ئىئوردان دەرياسى رۇبېن قەبىلىسىنىڭ زېمىنىنىڭ غەربىي پاسىلى بولدى. بۇ زېمىندىكى شەھەر ۋە يېزىلار رۇبېن قەبىلىسىگە جەمەتلەر بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەنىدى.
ئۇلارنىڭ زېمىنى يازېر، گىلئادنىڭ بارلىق شەھەرلىرى ۋە رابباھ شەھىرىنىڭ يېنىدىكى ئاروئېر شەھىرىگىچە بولغان ئاممون زېمىنىنىڭ يېرىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
گاد قەبىلىسىنىڭ يېرى زەبۇلۇن قەبىلىسىنىڭ يېرىنىڭ جەنۇبىدا بولسۇن. ئۇلارنىڭ يېرى ئىسرائىل زېمىنىنىڭ شەرقىي چېگراسىدىن غەربىي چېگراسىغىچە سوزۇلىدۇ.
لېياھنىڭ دېدىكى زىلپادىن تۇغۇلغانلىرى: گاد ۋە ئاشېر. بۇ ئوغۇللارنىڭ ھەممىسى پاددان-ئاررامدا تۇغۇلغانىدى.
گاد قەبىلىسى گىلئاد، باشان ۋە ئۇ يەردىكى يېزىلاردا ھەمدە شاروندىكى ئوتلاقلاردا ياشايتتى.