Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 13:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 يەنى باشان زېمىنىدىكى ئاشتاروت ۋە ئەدرەئى شەھىرىدە ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئوگ پادىشاھنىڭ بارلىق زېمىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پادىشاھ ئوگ رافاھلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئەۋلادى بولۇپ، مۇسا پەيغەمبەر رافاھلارنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇلارنى بۇ زېمىنلاردىن قوغلاپ چىقارغانىدى.

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 13:12
7 Referans Kwoze  

مەغلۇپ بولغان باشان پادىشاھى ئوگ ئاشتاروت ۋە ئەدرەئى شەھەرلىرىدە ياشايتتى. ئۇ رافاھلارنىڭ قالغانلىرىدىن بىرى ئىدى.


بۇندىن ئىلگىرى مۇسا خەلقنى باشلاپ، خەشبوندىكى ئامورلارنىڭ پادىشاھى سىخوننى، ئاندىن ئاشتاروت شەھىرىدە ياشايدىغان باشان پادىشاھى ئوگنى ئەدرەئىدە مەغلۇپ قىلغانىدى.


ئەمما ئىسرائىل خەلقى گىشۇر ۋە مائاكا خەلقىنى بۇ زېمىندىن قوغلىمىدى، شۇڭا ئۇلار ئىسرائىل خەلقى ئارىسىدا داۋاملىق ياشاپ كەلمەكتە.


ۋە يەنە گىلئاد زېمىنىنىڭ يېرىمى ۋە باشان زېمىنىدىكى ئوگ پادىشاھنىڭ پايتەختى بولغان ئاشتاروت ۋە ئەدرەئى شەھەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ زېمىنلار ماناسسەنىڭ ئوغلى ماكىرنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ يېرىمىغا جەمەت بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite