Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 13:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 يوشۇۋا ياشىنىپ، قېرىپ قالغانىدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ سەن ياشىنىپ، قېرىپ قالدىڭ. لېكىن سەن تېخى بويسۇندۇرۇشقا تېگىشلىك بولغان يەنە كۆپ زېمىنلار بار.

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 13:1
12 Referans Kwoze  

ماڭا قارا، پەرۋەردىگار ۋەدە قىلغىنىدەك، ئۇ مېنىڭ ھاياتىمنى ساقلاپ قالدى، شۇڭا مەن ھازىرغا قەدەر ياشاپ كەلدىم. پەرۋەردىگار مۇسا پەيغەمبەرگە ۋەدە قىلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە 45 يىل ئۆتۈپ كەتتى. ئۇ ۋاقىتتا ئىسرائىل خەلقى چۆل-باياۋانلاردا سەرگەردان بولۇپ يۈرۈۋاتقانىدى. ماڭا قارا، مەن ھازىر 85 ياشقا كىردىم.


پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئۆزى سىلەرنى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇ يەردىكى يات ئەللەرنى كۆز ئالدىڭلاردا يوقىتىدۇ ۋە سىلەرنى ئۇ زېمىنغا ئىگە قىلىدۇ. پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىدەك يوشۇۋا سىلەرنىڭ يېتەكچىڭلار بولىدۇ.


شۇ ئىشلاردىن كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى، يەنى نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندە 110 ياشتا ئىدى.


ئەمما، ئۇلار پەرزەنت كۆرمىگەنىدى. چۈنكى، ئېلىزابېت تۇغماس ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككىلىسى ياشىنىپ قالغانىدى.


بۇ چاغدا ئىبراھىم بىلەن سارە قېرىپ قالغانىدى. سارەنىڭ ئادەت كۆرۈشىمۇ توختاپ كەتكەنىدى.


پادىشاھ داۋۇت قېرىپ قالغاچقا، ئۇنىڭغا بىرقانچە يوتقان يېپىپ قويسىمۇ ئىسسىمايتتى.


سىلەرنىڭ بويسۇندۇرۇشۇڭلارغا تېگىشلىك بولغان زېمىنلاردىن يەنە فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ۋە گىشۇرلارنىڭ پۈتۈن زېمىنى باردۇر.


_ ئىسرائىللارغا بۇ ئەمرنى يەتكۈزگىن: «سىلەر مەن سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بەرگەن كەنئان زېمىنىغا كىرگەندىن كېيىن، زېمىنىڭلارنىڭ چېگرالىرى مۇنداق بولىدۇ:


ئۇ يەردىن ئىئوردان دەرياسىنى بويلاپ تۇز دېڭىزىغىچە بارىدۇ. مانا بۇلار زېمىنىڭلارنىڭ تۆت ئەتراپىنىڭ چېگرالىرىدۇر.»


يوشۇۋا ئىسرائىللارغا مۇنداق دېدى: _ پەرۋەردىگار، يەنى سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان زېمىنلارنى قاچانغىچە ئىگىلىمەي تۇرىسىلەر؟


پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى:


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite