Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 12:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 ئىلگىرى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا ۋە ئىسرائىللار بۇ پادىشاھلارنى مەغلۇپ قىلغانىدى. مۇسا پەيغەمبەر بۇ زېمىنلارنى رۇبېن، گاد ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىغا مۈلۈك قىلىپ بەرگەنىدى.

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 12:6
11 Referans Kwoze  

شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئامورلار پادىشاھى سىخون بىلەن باشان پادىشاھى ئوگنىڭ پۈتۈن زېمىنلىرىنى ۋە ئەتراپتىكى يېزا-قىشلاقلارنى گاد، رۇبېن قەبىلىلىرىگە ۋە يۈسۈپنىڭ ئوغلىدىن بولغان ماناسسەنىڭ قەبىلىسىنىڭ يېرىمىغا تەقسىم قىلىپ بەردى.


_ ئەگەر گاد ۋە رۇبېن قەبىلىلىرىدىكى بارلىق جەڭ قىلالايدىغان ئەرلەر سىلەر بىلەن بىرگە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ جەڭ قىلسا، سىلەر ئۇ زېمىننى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، گىلئاد زېمىنىنى ئۇلارغا تەقسىم قىلىپ بېرىڭلار.


بىز چوقۇم قوراللىرىمىزنى ئېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا دەريادىن ئۆتۈپ، كەنئاندا جەڭ قىلىمىز. كېيىن بىز قايتىپ كېلىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىن زېمىن ئالىمىز.


مۇسا پەيغەمبەر ئىككى قەبىلە ۋە يەنە بىر قەبىلىنىڭ يېرىمىغا ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى زېمىنلارنى تەقسىم قىلغان، ئەمما لاۋىي قەبىلىسىگە زېمىن تەقسىم قىلىپ بەرمىگەنىدى.


لېكىن لاۋىي قەبىلىسىگە ھېچقانداق زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىلمەيدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ زېمىنى، يەنى نېسىۋىسى پەرۋەردىگارنىڭ روھانىيسى بولۇشتۇر. گاد قەبىلىسى، رۇبېن قەبىلىسى ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمى ئۆزلىرىگە تەۋە زېمىنغا ئىگە بولۇپ بولغان. ئۇلارغا بۇ زېمىننى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەر ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىن بەرگەن.


ھازىر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئۆز ۋەدىسى بويىچە سىلەرگە ئامانلىق بەردى. سىلەر ئەمدى، ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەر سىلەرگە تەقسىم قىلىپ بەرگەن زېمىنلاردىكى يۇرتۇڭلارغا قايتىڭلار.


ئۇرىنىڭ ئوغلى گەبەر، ئۇ گىلئاد زېمىنىغا مەسئۇل ئىدى (گىلئاد زېمىنى بۇرۇنقى ئامورلارنىڭ پادىشاھى سىخون ۋە باشان پادىشاھى ئوگنىڭ زېمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ). ۋەزىر ئازاريا پۈتۈن رايونلاردىكى يەرلىك ئەمەلدارلارنى باشقۇراتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite