Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 12:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 ئىسرائىللار ئالدى بىلەن خەشبون شەھىرىدىكى ئامورلارنىڭ پادىشاھى سىخوننى مەغلۇپ قىلغانىدى. ئۇنىڭ زېمىنى ئارنون جىلغىسىنىڭ قىرغىقىغا جايلاشقان ئاروئېر شەھىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئارنون جىلغىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن تارتىپ، ئاممونلارغا چېگرالىنىدىغان ياببوق جىلغىسىغىچە ئىدى. بۇ زېمىن گىلئاد زېمىنىنىڭ جەنۇبىي يېرىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 12:2
12 Referans Kwoze  

شۇ كۈنى كېچىدە ياقۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئىككى ئايالى، ئىككى توقىلى ۋە 11 پەرزەنتىنى ئېلىپ، ياببوق دەرياسىدىن ئۆتتى.


ئۆرۈۋەتتى ئۇ ئامورلارنىڭ پادىشاھى سىخوننى، باشاننىڭ پادىشاھى ئوگنى، ھەتتا كەنئاندىكى بارلىق پادىشاھلارنى.


سەن ئەجدادلىرىمىزغا پادىشاھلىقلارنى ۋە ئەللەرنى تاپشۇردۇڭ. خەلقىڭنى ئۇ زېمىنلارنىڭ يىراق چېگرالىرىغىچە ئورۇنلاشتۇردۇڭ. ئۇلار سىخون پادىشاھنىڭ خەشبون شەھىرى ۋە ئەتراپىدىكى زېمىنىنى ھەمدە ئوگ پادىشاھنىڭ زېمىنى باشاننى ئىشغال قىلدى.


ئۇلار ئامورلارنىڭ ئارنون دەرياسىدىن تارتىپ ياببوق دەرياسىغىچە ۋە چۆل-باياۋاندىن تارتىپ ئىئوردان دەرياسىغىچە بولغان پۈتكۈل زېمىنىنى ئىگىلىدى.


ئاممونلارنىڭ پادىشاھى يىفتاھنىڭ ئەلچىسىدىن مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: _ ئىسرائىللار مىسىردىن كېلىپ، مېنىڭ ئارنون دەرياسىدىن تارتىپ غەربتە ئىئوردان دەرياسىنىڭ شىمالدىكى ياببوق دەرياسىغىچە بولغان زېمىنىمنى بېسىۋالدى. ھازىر ئۇنى ماڭا تىنچ يول بىلەن قايتۇرۇپ بېرىڭلار.


ۋە ئازازنىڭ ئوغلى بەلا. ئازاز شەمانىڭ ئوغلى، شەما يوئېلنىڭ ئوغلى ئىدى. ئۇلار ئاروئېر شەھىرىدە ھەمدە شىمالدىكى نىبو ۋە بائال-مىئون شەھەرلىرىگىچە بولغان يەرلەردە ياشىدى.


ئەي ئاروئېردا ياشاۋاتقانلار، سىلەر يوللارغا چىقىپ قاراڭلار. قېچىۋاتقان ئەر ۋە ئاياللاردىن ‹نېمە بولدى؟› دەپ سوراڭلار.


بۇندىن ئىلگىرى مۇسا خەلقنى باشلاپ، خەشبوندىكى ئامورلارنىڭ پادىشاھى سىخوننى، ئاندىن ئاشتاروت شەھىرىدە ياشايدىغان باشان پادىشاھى ئوگنى ئەدرەئىدە مەغلۇپ قىلغانىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite