5 بۇ پادىشاھلار بىرلىشىپ، ئىسرائىللار بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن قوشۇنلىرىنى باشلاپ، مېروم يېنىدىكى سۇ بويلىرىدا بارگاھ قۇردى.
بۇلار كارامەتلەر كۆرسىتىدىغان جىنلارنىڭ روھلىرى بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادىكى پادىشاھلارنى ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ ئۇلۇغ كۈنىدىكى جەڭگە توپلاشقا كېتىۋاتاتتى.
ئەي يات خەلقلەر، سىلەر كۇكۇم-تالقان بولىسىلەر، ئەي يىراقتىكى ئەللەر، سىلەر قۇلاق سېلىڭلار، ساۋۇتىڭلارنى كىيىڭلار، لېكىن كۇكۇم-تالقان بولىسىلەر، ساۋۇتىڭلارنى كىيىڭلار، بىراق بەرىبىر كۇكۇم-تالقان بولىسىلەر!
نەقەدەر كۆپتۇر رەقىبلىرىم، ئى پەرۋەردىگار، شۇنچە جىقتۇر ماڭا قارشى چىققانلار.
بۇ پادىشاھلار بارلىق قوشۇنلىرىنى باشلاپ كەلدى. ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرى سان-ساناقسىز بولۇپ، خۇددى دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك كۆپ ئىدى. ئۇلارنىڭ نۇرغۇن ئات ۋە جەڭ ھارۋىلىرى بار ئىدى.
پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا يەنە مۇنداق دېدى: _ ئۇلاردىن قورقما، مەن ئەتە مۇشۇ ۋاقىتقىچە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ جەسىتىنى سىلەرگە تاپشۇرۇپ بېرىمەن. سەن ئۇلارنىڭ ئاتلىرىنىڭ پېيىنى كېسىۋەت، جەڭ ھارۋىلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلا.
بۇ پادىشاھلار قوشۇنلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، يوشۇۋا باشچىلىقىدىكى ئىسرائىللارغا قارشى ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن ئاتلاندى.
ئىسرائىللاردىن يېڭىلگەنلىكىنى بىلگەن ئارراملار يەنە قوشۇنلىرىنى يىغىشتى.
لېكىن، ئۇلار كۆرۈپلا شەھەرنى بولدى ئالاقزادە، ئارقىسىغا بەدەر قېچىشتى چۈشۈپ ۋەھىمىگە.