Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 11:22 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

22 ئىسرائىللارنىڭ زېمىنى ئىچىدە ئاناقلارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ھېچكىم قالمىدى. بىراق ئۇلاردىن ئازغىنا بىر قىسمى گازا، گات، ۋە ئاشدود شەھەرلىرىدە قېلىپ قالدى.

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 11:22
19 Referans Kwoze  

فىلىستىيەلىكلەر تەرەپتىن گوليات ئىسىملىك كۈچتۈڭگۈر بىرى ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇ گات شەھىرىدىن بولۇپ، بويىنىڭ ئېگىزلىكى ئۈچ مېتىرغا يېقىن كېلەتتى.


ۋە ئەقروندىن تارتىپ، ئوتتۇرا دېڭىزغىچە بولغان ئاشدود يېنىدىكى بارلىق شەھەرلەر


ئاسسۇرلارنىڭ پادىشاھى سارگون باش سەركەردىسىنى ئاشدود شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتىپ، ئۇ شەھەرنى ئىشغال قىلدى.


ئۇززىيا فىلىستىيەلىكلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، گات، يابنېھ ۋە ئاشدود شەھەرلىرىنىڭ سېپىللىرىنى بۇزۇپ تاشلىدى. ئۇ ئاشدود زېمىنىدا ۋە فىلىستىيەنىڭ باشقا رايونلىرىدا يېڭىدىن شەھەرلەرنى قۇردى.


مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن داۋۇت فىلىستىيەلىكلەرگە يەنە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى بويسۇندۇردى ۋە ئۇ گات شەھىرىنى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە يېزا-كەنتلەرنى فىلىستىيەلىكلەردىن تارتىۋالدى.


ئەمما ئۈچىنچى يىلنىڭ ئاخىرىدا شىمئىنىڭ ئىككى قۇلى گاتنىڭ پادىشاھى، يەنى مائاكانىڭ ئوغلى ئاكىشنىڭ زېمىنىغا قېچىپ بېرىۋالدى. بىرسى شىمئىگە: _ قارا، سېنىڭ قۇللىرىڭ گاتقا بېرىۋاپتۇ، _ دېدى.


فىلىستىيەلىكلەر خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قولغا چۈشۈرگەندىن كېيىن، ئۇنى جەڭ مەيدانى ئەبەنەزەردىن ئاشدود شەھىرىگە ئېلىپ كەلدى


بۇلار فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەش بەگلىكى، پۈتۈن كەنئانلار، سىدونلۇقلار ۋە بائال-خەرمون تېغىدىن لىبو-خاماتقىچە سوزۇلغان لىۋان تاغلىق رايونىدا ياشايدىغان خىۋلار ئىدى.


فىلىپ بولسا ئۆزىنىڭ ئاشدود شەھىرىدە ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇ يەردىن قەيسەرىيە شەھىرىگىچە بولغان ھەممە شەھەرلەرنى كېزىپ، خۇش خەۋەر يەتكۈزدى.


ئۇلارنىڭ ئارىسىدا كۈچلۈك ۋە بويلىرى ئېگىز بولغان ئاناقلارنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ باردۇر. سىلەر ئۇلارنى بىلىسىلەر ھەم «ئاناقلارغا كىم قارشى تۇرالايدۇ؟» دېگەن سۆزلەرنىمۇ ئاڭلىغان.


كالىب بۇ زېمىندىن ئاناقنىڭ ئۈچ ئوغلى، يەنى شېشاي، ئاخىمان ۋە تالمايلارنىڭ جەمەتلىرىنى قوغلاپ چىقاردى.


يەھۇدا قەبىلىسى يەنە گازا، ئاشقىلون، ئەقرون قاتارلىق شەھەرلەرنى ۋە بۇ شەھەرلەرنىڭ ئەتراپىدىكى زېمىنلارنى ئىگىلىدى.


كرىت خەلقىمۇ گازانىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلاردا ياشايدىغان ئاۋۋىم خەلقىنى يوقىتىپ، زېمىنىنى ئىگىلىۋالغانىدى.)


يوشۇۋا كادېش-بارنېيا شەھىرى بىلەن گازا شەھىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى زېمىنلارنى ۋە گوشەنگە تەۋە بولغان زېمىنلاردىن تارتىپ، گىبئون شەھىرىگىچە بولغان پۈتكۈل زېمىننى بويسۇندۇردى.


ھەمدە ئاشدود، گازا ئەتراپىدىكى يېزىلار بىلەن قوشۇلۇپ، مىسىر چېگراسىدىكى دەرياغا ۋە ئوتتۇرا دېڭىز ياقىسىغا باراتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite