Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 11:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 يوشۇۋا بارلىق زېمىنلىرىنى، يەنى شىمالىي تاغلىق رايونلار، پۈتكۈل نەگېب چۆللۈكى، پۈتكۈل گوشەن زېمىنى، غەربىي ئېدىرلىقلار، ئىئوردان دەرياسى ۋادىسى، جەلىلىيەدىكى تاغلىق رايونلار ۋە ئېدىرلىقلارنى بويسۇندۇردى.

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 11:16
16 Referans Kwoze  

يوشۇۋا كادېش-بارنېيا شەھىرى بىلەن گازا شەھىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى زېمىنلارنى ۋە گوشەنگە تەۋە بولغان زېمىنلاردىن تارتىپ، گىبئون شەھىرىگىچە بولغان پۈتكۈل زېمىننى بويسۇندۇردى.


بۇ زېمىنلار تاغلىق رايونلارنى، غەربىي ئېدىرلىقلارنى، ئىئوردان دەرياسى ۋادىسىنى، تاغ باغرىلىرىنى، چۆل-باياۋانلارنى ۋە جەنۇبىي نەگېب چۆللۈكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ زېمىنلاردا خىتلار، ئامورلار، كەنئانلار، پەرىززىلەر، خىۋلار ۋە يىبۇسلار ياشىغان. تۆۋەندىكىلەر ئىسرائىللار مەغلۇپ قىلغان پادىشاھلار:


بۇ چاغدا يوشۇۋا تاغلىق رايونلاردا ياشاۋاتقان ئاناقلارنى يوقاتتى. ئۇلار ھىبرون، دىبىر، ئاناب شەھەرلىرىدە ھەم جەنۇب ۋە شىمالدىكى پۈتۈن تاغلىق رايونلاردا ياشايتتى. يوشۇۋا ئۇلارنى شەھىرلىرى بىلەن تەلتۆكۈس يوقاتتى.


ئەي ئىسرائىلىيەنىڭ تاغلىرى، سىلەردە ئەمدى دەرەخلەر كۆكلەپ، خەلقىم ئۈچۈن مېۋە بېرىدۇ، چۈنكى ئۇلار پات ئارىدا قايتىپ كېلىدۇ.


ئۇ ئىسرائىلىيەنىڭ ئېگىز تاغ چوققىسىدا ئۆسۈپ، شاخ چىقىرىپ، باراقسان بولۇپ، كۆركەم بىر كېدىر دەرىخىگە ئايلىنىدۇ، ھەر خىل قۇشلار شاخلىرىغا كېلىپ قونىدۇ، سايىسىدا پاناھلىنىدۇ.


شىمالىي تاغلىق رايونلاردىكى پادىشاھلارغا، جەلىلىيە كۆلىنىڭ جەنۇب تەرىپىگە جايلاشقان ئىئوردان ۋادىسىدىكى پادىشاھلارغا، غەربىي ئېدىرلىقلاردىكى پادىشاھلارغا، غەرب تەرەپكە جايلاشقان نافوت-دور زېمىنىدىكى پادىشاھلارغا،


ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايونلاردا، غەربىي ئېدىرلىقلاردا ھەمدە لىۋان تاغلىرىنىڭ شىمال تەرىپىدىكى ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرىدا ياشاۋاتقان بارلىق پادىشاھلار، يەنى خىت، ئامور، كەنئان، پەرىززى، خىۋ، يىبۇس پادىشاھلىرى ئېرىخا شەھىرى ۋە ئاي شەھىرىدە بولغان ئىشلارنى ئاڭلىدى.


شۇنداق قىلىپ يوشۇۋا جەنۇبتىكى بارلىق زېمىننى، يەنى تاغلىق رايونلارنى، نەگېب چۆللۈكىنى، غەربىي ئېدىرلىقلارنى ۋە تاغ باغىرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق زېمىنلارنىڭ پادىشاھلىرىنى خەلقى بىلەن قوشۇپ بويسۇندۇردى. ئۇلار پەرۋەردىگار، يەنى ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ بۇيرۇقى بويىچە بۇ زېمىنلاردىكى بارلىق خەلقنى تەلتۆكۈس قىرىپ تاشلاپ، ھېچكىمنى تىرىك قالدۇرمىدى.


بۇ ئىشلارنى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەر پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە يوشۇۋاغا تاپشۇرغانىدى. يوشۇۋا پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا پەيغەمبەرگە بۇيرۇغانلىرىنىڭ بىرىنىمۇ قالدۇرماي بەجا كەلتۈردى.


خۇدا قوغلىۋېتىپ ئۇ يەردىن يات ئەللەرنى، ئىسرائىللارغا بۆلۈپ بەردى يەرلىرىنى. ئىسرائىل قەبىلىسىگە ئېلىپ بەردى ئۆيلىرىنى.


يات ئەللەرنىڭ زېمىنلىرىنى بەردى ئۇلارغا پەرۋەردىگار، باشقىلارنىڭ ئەجىر-مېھنەتلىرىگە مۇيەسسەر بولدى ئۇلار،


ئەمدى ئامور خەلقىنىڭ تاغلىق رايونلىرىغا ۋە ئۇلارنىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئەتراپىدىكى قوشنا رايونلىرىغا، تاغلىق رايونلار ۋە غەربىي ئېدىرلىقلارغا، نەگېب چۆللۈكى ۋە ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرىدىكى تۈزلەڭلىككە بېرىڭلار. كەنئان زېمىنىغا ۋە لىۋانغا قاراپ يولغا چىقىڭلار، تاكى فىرات دەرياسىغىچە بېرىڭلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite