8 بۇ چاغدا پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا: _ ئۇلاردىن قورقما، چۈنكى مەن ئۇلارنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرغانمەن. ئۇلاردىن ھېچكىم ساڭا قارشى تۇرالمايدۇ، _ دېدى.
ئۇنداقتا، بىز بۇنىڭغا نېمە دەيمىز؟ خۇدا بىز تەرەپتە تۇرغانىكەن، كىممۇ بىزگە قارشى چىقالىسۇن؟
پەرۋەردىگار ماڭا: «ئۇنىڭدىن قورقمىغىن، چۈنكى مەن ئۇنى ۋە ئۇنىڭ بارلىق لەشكەرلىرىنى، ھەمدە ئۇنىڭ زېمىنلىرىنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇردۇم. خەشبوندا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئامورلارنىڭ پادىشاھى سىخونغا قانداق قىلغان بولساڭ، ئۇنىڭغىمۇ شۇنداق قىلغىن.» دېدى.
پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا يەنە مۇنداق دېدى: _ ئۇلاردىن قورقما، مەن ئەتە مۇشۇ ۋاقىتقىچە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ جەسىتىنى سىلەرگە تاپشۇرۇپ بېرىمەن. سەن ئۇلارنىڭ ئاتلىرىنىڭ پېيىنى كېسىۋەت، جەڭ ھارۋىلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلا.
پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى: _ ھەرگىز قورقماڭلار ھەم بوشىشىپ قالماڭلار! سەن بارلىق لەشكەرلىرىڭنى ئېلىپ، ئاي شەھىرىگە ھۇجۇم قىلغىن. مەن ئاي پادىشاھىنى، ئۇنىڭ خەلقىنى، شەھىرىنى ۋە ئۇنىڭ زېمىنىنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرىمەن.
پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىنى قولۇڭلارغا تاپشۇرغاندا، ئۇلارنىڭ نامىنى يەر يۈزىدىن يوق قىلىۋېتىڭلار. ھېچكىم سىلەرنى توسالمايدۇ، ئۇلارنى ھالاك قىلىڭلار.
يوشۇۋا گىلگالدىن چىقىپ، كېچىچە توختىماي يۈرۈش قىلىپ، ئامورلار قوشۇنىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدى.
يوشۇۋا قوشۇنلىرىغا: _ ھەرگىز قورقماڭلار ھەم بوشىشىپ قالماڭلار! قەيسەر ۋە جاسارەتلىك بولۇڭلار! پەرۋەردىگار سىلەرگە قارشى چىقماقچى بولغان بارلىق دۈشمەنلىرىڭلارنىمۇ مۇشۇنداق كۈنگە قويىدۇ، _ دېدى.
شۇ كېچىسى پەرۋەردىگار گىدئونغا: _ ئورنۇڭدىن تۇر! مىديانلارنىڭ بارگاھىغا ھۇجۇم قىل. مەن ئۇلارنى سېنىڭ قولۇڭغا چۈشۈرۈپ بېرىمەن.
پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ مەن جەزمەن ساڭا يار بولىمەن. سەن مىديانلارنى خۇددى بىر ئادەمنى ئۇجۇقتۇرغانغا ئوخشاش ئاسانلا يوقىتىسەن، _ دېدى.
يەنە بۇ يەرگە يىغىلغان ھەممەيلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز خەلقىنى قىلىچ ۋە نەيزە بىلەن قۇتقۇزمايدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىدۇ، بۇ ئۇرۇش پەرۋەردىگارنىڭ ئۇرۇشىدۇر. ئۇ سىلەرنى بىزنىڭ قولىمىزغا تاپشۇرىدۇ.
بۇ چاغدا بىر پەيغەمبەر ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخابنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا: _ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بۇ زور قوشۇننى كۆردۈڭمۇ؟ مانا بۈگۈن مەن ئۇلارنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. شۇ چاغدا سەن مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىسەن»، _ دېدى.