Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 10:40 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

40 شۇنداق قىلىپ يوشۇۋا جەنۇبتىكى بارلىق زېمىننى، يەنى تاغلىق رايونلارنى، نەگېب چۆللۈكىنى، غەربىي ئېدىرلىقلارنى ۋە تاغ باغىرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق زېمىنلارنىڭ پادىشاھلىرىنى خەلقى بىلەن قوشۇپ بويسۇندۇردى. ئۇلار پەرۋەردىگار، يەنى ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ بۇيرۇقى بويىچە بۇ زېمىنلاردىكى بارلىق خەلقنى تەلتۆكۈس قىرىپ تاشلاپ، ھېچكىمنى تىرىك قالدۇرمىدى.

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 10:40
26 Referans Kwoze  

قەبرىلەرگە كىرىپ كېتەر يامانلار، خۇدانى ئۇنتۇغان بارلىق قوۋملار.


ئۇ تەختكە چىقىشى بىلەنلا ياروبئام جەمەتىنىڭ ئادەملىرىنى قىرىپ تۈگەتتى. پەرۋەردىگار خىزمەتكارى بولغان شىلولۇق ئاخىيا ئارقىلىق ئالدىن ئېيتقىنىدەك، باشا ياروبئام جەمەتىنىڭ بىرىنىمۇ قالدۇرماي پۈتۈنلەي ئۆلتۈرۈۋەتتى.


ئۇلار بۇ شەھەرنىمۇ ئىگىلەپ، بارلىق ئادەملىرىنى قىلىچ بىلەن قىرىپ تاشلىدى، پادىشاھىنىمۇ ئۆلتۈردى، ھېچكىم تىرىك قالمىدى. ئۇلار شەھەر ئەتراپىدىكى يېزىلاردىكى ئادەملەرنىمۇ تىرىك قويمىدى. ئۇلار خۇددى ئەگلوندا قىلغانغا ئوخشاش، بۇ شەھەرنىڭ ئادەملىرىنىمۇ تەلتۆكۈس يوقاتتى.


شۇ كۈنى ئىسرائىللار بۇ شەھەرنى ئىگىلەپ، بارلىق خەلقنى قىلىچ بىلەن قىرىپ تاشلىدى. ئۇلار لاكىشتىكىگە ئوخشاش، بۇ شەھەرنىڭ بارلىق ئادەملىرىنىمۇ تەلتۆكۈس يوقاتتى.


ئۇلار جاۋاب بېرىپ: _ چۈنكى بىز پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئۆز خىزمەتكارى مۇساغا ئەمر قىلىپ، پۈتكۈل زېمىننى سىلەرگە ئاتا قىلغانلىقىنى، سىلەرنىڭ شۇ زېمىنلاردا ياشاۋاتقان بارلىق خەلقلەرنى يوقىتىدىغانلىقىڭلارنى ئاڭلىدۇق. بىز ئۆلۈپ كېتىشتىن قاتتىق قورقتۇق. مانا بۇ بىزنىڭ نېمە ئۈچۈن سىلەرنى ئالدىغانلىقىمىزنىڭ سەۋەبىدۇر.


پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا بۇيرۇغاندەك، ئىسرائىللار شەھەردىكى مال-مۈلۈك ۋە مال-چارۋىلارنى ئولجا ئالدى.


سىلەر ئېرىخا شەھىرى ۋە ئۇنىڭ پادىشاھىنى قانداق قىلغان بولساڭلار، ئاي شەھىرى ۋە ئۇنىڭ پادىشاھىنىمۇ شۇنداق قىلىڭلار. بىراق بۇ قېتىم سىلەر ئۇلارنىڭ مال-مۈلۈك ۋە مال-چارۋىلىرىنى ئولجا ئالساڭلار بولىدۇ. شەھەرنىڭ كەينى تەرىپىگە بۆكتۈرمە قويۇڭلار.


ئېرىخا شەھىرى ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق نەرسىلەرنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ تەلتۆكۈس يوقىتىڭلار. پەقەت پاھىشە راھاب ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىزنىڭ چارلىغۇچىلىرىمىزنى يوشۇرۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنى تىرىك قالدۇرۇڭلار.


پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىنى قولۇڭلارغا تاپشۇرغاندا، ئۇلارنىڭ نامىنى يەر يۈزىدىن يوق قىلىۋېتىڭلار. ھېچكىم سىلەرنى توسالمايدۇ، ئۇلارنى ھالاك قىلىڭلار.


بىنيامىن قەبىلىسىگە بېرىلگەن شەھەرلەر: ئېرىخا، بەيت-خوگلا، ئېمەق-قىزىز،


بۇ زېمىنلار تاغلىق رايونلارنى، غەربىي ئېدىرلىقلارنى، ئىئوردان دەرياسى ۋادىسىنى، تاغ باغرىلىرىنى، چۆل-باياۋانلارنى ۋە جەنۇبىي نەگېب چۆللۈكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ زېمىنلاردا خىتلار، ئامورلار، كەنئانلار، پەرىززىلەر، خىۋلار ۋە يىبۇسلار ياشىغان. تۆۋەندىكىلەر ئىسرائىللار مەغلۇپ قىلغان پادىشاھلار:


ئەمدى ئامور خەلقىنىڭ تاغلىق رايونلىرىغا ۋە ئۇلارنىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئەتراپىدىكى قوشنا رايونلىرىغا، تاغلىق رايونلار ۋە غەربىي ئېدىرلىقلارغا، نەگېب چۆللۈكى ۋە ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرىدىكى تۈزلەڭلىككە بېرىڭلار. كەنئان زېمىنىغا ۋە لىۋانغا قاراپ يولغا چىقىڭلار، تاكى فىرات دەرياسىغىچە بېرىڭلار.


ئېھتىيات قىلىڭلار، ئۇ زېمىندىكى خەلقلەر بىلەن ھەرگىز كېلىشىم تۈزمەڭلار. بولمىسا، سىلەر ئۇلارنىڭ قاپقىنىغا چۈشۈپ، ئۇلارغا ئوخشاش رەزىل يولغا كىرىپ قالىسىلەر.


ئىسرائىللار بۇ شەھەرنى ئىگىلەپ، ئۇنىڭ پادىشاھىنى تۇتۇپ، بۇ شەھەرنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلارنىمۇ قوشۇپ ئىگىلىدى. ئۇلار پادىشاھنى ۋە بارلىق ئادەملىرىنى قىلىچ بىلەن تەلتۆكۈس قىرىپ تاشلاپ، ھېچكىمنى تىرىك قالدۇرمىدى. ئۇلار ھىبرون، لىبناھ ۋە ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىنى قانداق قىلغان بولسا، دىبىرنىمۇ خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش قىلدى.


يوشۇۋا بارلىق زېمىنلىرىنى، يەنى شىمالىي تاغلىق رايونلار، پۈتكۈل نەگېب چۆللۈكى، پۈتكۈل گوشەن زېمىنى، غەربىي ئېدىرلىقلار، ئىئوردان دەرياسى ۋادىسى، جەلىلىيەدىكى تاغلىق رايونلار ۋە ئېدىرلىقلارنى بويسۇندۇردى.


مۇسا ئۇلارنى كەنئان زېمىنىنى چارلاشقا ئەۋەتىپ، مۇنداق دېدى: _ نەگېب چۆللۈكىدىن كېسىپ ئۆتۈپ، تاغلىق رايونغا كىرىڭلار.


ئۇ ۋاقىتتا بىز سىخوننىڭ پۈتۈن شەھەرلىرىنى ئىگىلەپ، شەھەرلەردىكى ئەر-ئايال ۋە بالىلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈردۇق، بىرىمۇ تىرىك قالمىدى.


ئۇلار بېسىپ كىرىپ، ئۇ زېمىننى ئىشغال قىلدى. سەن ئۇلارغا كەنئان زېمىننىڭ ئاھالىسىنى بويسۇندۇرۇپ بەردىڭ. سەن ئۇ زېمىننىڭ پادىشاھلىرى ۋە خەلقىنى ئۇلارنىڭ مەيلىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇردۇڭ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite