يوشۇۋا 10:39 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى39 ئىسرائىللار بۇ شەھەرنى ئىگىلەپ، ئۇنىڭ پادىشاھىنى تۇتۇپ، بۇ شەھەرنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلارنىمۇ قوشۇپ ئىگىلىدى. ئۇلار پادىشاھنى ۋە بارلىق ئادەملىرىنى قىلىچ بىلەن تەلتۆكۈس قىرىپ تاشلاپ، ھېچكىمنى تىرىك قالدۇرمىدى. ئۇلار ھىبرون، لىبناھ ۋە ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىنى قانداق قىلغان بولسا، دىبىرنىمۇ خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش قىلدى. Gade chapit la |
شۇنداق قىلىپ يوشۇۋا جەنۇبتىكى بارلىق زېمىننى، يەنى تاغلىق رايونلارنى، نەگېب چۆللۈكىنى، غەربىي ئېدىرلىقلارنى ۋە تاغ باغىرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق زېمىنلارنىڭ پادىشاھلىرىنى خەلقى بىلەن قوشۇپ بويسۇندۇردى. ئۇلار پەرۋەردىگار، يەنى ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ بۇيرۇقى بويىچە بۇ زېمىنلاردىكى بارلىق خەلقنى تەلتۆكۈس قىرىپ تاشلاپ، ھېچكىمنى تىرىك قالدۇرمىدى.