Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 10:37 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

37 ئۇلار بۇ شەھەرنىمۇ ئىگىلەپ، بارلىق ئادەملىرىنى قىلىچ بىلەن قىرىپ تاشلىدى، پادىشاھىنىمۇ ئۆلتۈردى، ھېچكىم تىرىك قالمىدى. ئۇلار شەھەر ئەتراپىدىكى يېزىلاردىكى ئادەملەرنىمۇ تىرىك قويمىدى. ئۇلار خۇددى ئەگلوندا قىلغانغا ئوخشاش، بۇ شەھەرنىڭ ئادەملىرىنىمۇ تەلتۆكۈس يوقاتتى.

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 10:37
8 Referans Kwoze  

يوشۇۋا ئىسرائىل قوشۇنىنى باشلاپ، ئەگلوندىن ھىبرون شەھىرىگە يۈرۈش قىلىپ، بۇ شەھەرگە ھۇجۇم قىلدى.


كېيىن يوشۇۋا يەنە ئىسرائىل قوشۇنىنى باشلاپ كەينىگە يېنىپ، دىبىر شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدى.


شۇنداق قىلىپ، يوشۇۋا ئامالەكلەر قوشۇنىنى قىرغىن قىلىپ، ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى.


شۇ ۋاقىتتا يوشۇۋا ماققېدا شەھىرىنى ئىگىلەپ، بۇ شەھەرنىڭ پادىشاھى ۋە بارلىق ئادەملىرىنى بىرنىمۇ قالدۇرماي، قىلىچ بىلەن ھەممىسىنى تەلتۆكۈس يوقاتتى. ئۇلار بۇ شەھەرنىڭ پادىشاھىنىمۇ ئېرىخا شەھىرىنىڭ پادىشاھىنى ئۆلتۈرگەنگە ئوخشاش ئۆلتۈردى.


شۇ كۈنى ئىسرائىللار بۇ شەھەرنى ئىگىلەپ، بارلىق خەلقنى قىلىچ بىلەن قىرىپ تاشلىدى. ئۇلار لاكىشتىكىگە ئوخشاش، بۇ شەھەرنىڭ بارلىق ئادەملىرىنىمۇ تەلتۆكۈس يوقاتتى.


ئىسرائىللار بۇ شەھەرنى ئىگىلەپ، ئۇنىڭ پادىشاھىنى تۇتۇپ، بۇ شەھەرنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلارنىمۇ قوشۇپ ئىگىلىدى. ئۇلار پادىشاھنى ۋە بارلىق ئادەملىرىنى قىلىچ بىلەن تەلتۆكۈس قىرىپ تاشلاپ، ھېچكىمنى تىرىك قالدۇرمىدى. ئۇلار ھىبرون، لىبناھ ۋە ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىنى قانداق قىلغان بولسا، دىبىرنىمۇ خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش قىلدى.


شۇنداق قىلىپ يوشۇۋا جەنۇبتىكى بارلىق زېمىننى، يەنى تاغلىق رايونلارنى، نەگېب چۆللۈكىنى، غەربىي ئېدىرلىقلارنى ۋە تاغ باغىرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق زېمىنلارنىڭ پادىشاھلىرىنى خەلقى بىلەن قوشۇپ بويسۇندۇردى. ئۇلار پەرۋەردىگار، يەنى ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ بۇيرۇقى بويىچە بۇ زېمىنلاردىكى بارلىق خەلقنى تەلتۆكۈس قىرىپ تاشلاپ، ھېچكىمنى تىرىك قالدۇرمىدى.


يوشۇۋا پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەرنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە، شىمالدىكى بارلىق شەھەرلەرنى ئىگىلەپ، ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىنى تەلتۆكۈس ئۆلتۈردى. بۇ شەھەرلەردىكى بارلىق ئادەملەرنى قىلىچ بىلەن قىرىپ تاشلىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite