36 يوشۇۋا ئىسرائىل قوشۇنىنى باشلاپ، ئەگلوندىن ھىبرون شەھىرىگە يۈرۈش قىلىپ، بۇ شەھەرگە ھۇجۇم قىلدى.
ۋە ھىبرون (ئىلگىرى قىريات-ئاربا شەھىرى دەپ ئاتىلاتتى) شەھىرىدە ياشايدىغان كەنئانلىقلار بىلەن جەڭ قىلىپ شېشاي، ئاخىمان ۋە تالماي قاتارلىقلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى مەغلۇپ قىلدى.
يوشۇۋا پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ قىريات-ئاربا دېگەن زېمىنىنى يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىبقا بۆلۈپ بەردى. بۇ زېمىن ھازىر ھىبرون دەپ ئاتىلىدۇ. ئاربا بولسا ئاناقلارنىڭ ئاتىسى ئىدى.
ئۇلار دەسلەپ نەگېب چۆللۈكىدىن كېسىپ ئۆتۈپ، ھىبرون شەھىرىگە كەلدى. ئۇ يەردە ئاناقنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان ئاخىمان، شېشاي ۋە تالمايلار ياشايتتى. (ھىبرون مىسىردىكى زوئان شەھىرىدىن يەتتە يىل ئىلگىرى بىنا قىلىنغانىدى.)
شۇنداقلا ياش باتۇر زادوق ۋە ئۇنىڭ جەمەتىدىن كەلگەن 22 سەركەردە.
پەرۋەردىگار سائۇلنىڭ پادىشاھلىقىنى داۋۇتقا ئېلىپ بېرىدىغانلىقىغا ۋەدە قىلغانىدى. داۋۇت ھىبروندىكى ۋاقتىدا نۇرغۇن قوراللىق لەشكەرلەر كېلىپ، ئۇنىڭغا قوشۇلدى. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
شۇنىڭ بىلەن روھانىي ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا ھىبرون شەھىرى (بىخەستەلىك قىلىپ ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغانلارنىڭ پاناھلىنىدىغان شەھەرلىرىنىڭ بىرى)، لىبناھ،
خۇمتاھ، قىريات-ئاربا (يەنى ھىبرون) زىئور قاتارلىق جەمئىي توققۇز شەھەر ۋە ئەتراپىدىكى يېزىلار
شۇنىڭ بىلەن ئامورلارنىڭ بەش پادىشاھى، يەنى يېرۇسالېم پادىشاھى، ھىبرون پادىشاھى، يارمۇت پادىشاھى، لاكىش پادىشاھى ۋە ئەگلون پادىشاھى بىرلىشىپ قوشۇنلىرىنى ئېلىپ، گىبئونغا ئاتلاندى. ئۇلار گىبئوننى قورشاپ ھۇجۇم قىلدى.
يېرۇسالېمنىڭ پادىشاھى ئادونى-زىدىك ھىبرون پادىشاھى ھوھام، يارمۇت پادىشاھى پىرئام، لاكىش پادىشاھى يافىيا ۋە ئەگلون پادىشاھى دىبىرغا ئەلچى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
شۇنىڭ بىلەن ئىبرام چېدىرلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، ھىبرون شەھىرىگە يېقىن مامرەدىكى دۇپ دەرەخلىكىنىڭ يېنىدا ئولتۇراقلىشىپ، ئۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق سۇپىسى ياسىدى.
شۇ كۈنى ئىسرائىللار بۇ شەھەرنى ئىگىلەپ، بارلىق خەلقنى قىلىچ بىلەن قىرىپ تاشلىدى. ئۇلار لاكىشتىكىگە ئوخشاش، بۇ شەھەرنىڭ بارلىق ئادەملىرىنىمۇ تەلتۆكۈس يوقاتتى.
ئۇلار بۇ شەھەرنىمۇ ئىگىلەپ، بارلىق ئادەملىرىنى قىلىچ بىلەن قىرىپ تاشلىدى، پادىشاھىنىمۇ ئۆلتۈردى، ھېچكىم تىرىك قالمىدى. ئۇلار شەھەر ئەتراپىدىكى يېزىلاردىكى ئادەملەرنىمۇ تىرىك قويمىدى. ئۇلار خۇددى ئەگلوندا قىلغانغا ئوخشاش، بۇ شەھەرنىڭ ئادەملىرىنىمۇ تەلتۆكۈس يوقاتتى.
مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ئىلگىرى تاپىلىغان سۆزلىرى بويىچە ھىبرون شەھىرى كالىبقا بېرىلدى. كالىب ئاناقنىڭ ئۈچ ئوغلىنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئۇ شەھەردىن قوغلاپ چىقاردى.
زورئاھ، ئاييالون ۋە ھىبرون شەھەرلىرىنى ئوڭشىدى. بۇلار يەھۇدا ۋە بىنيامىن تەۋەلىكىدىكى مۇستەھكەم شەھەرلەرگە ئايلاندى.