Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 10:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 يېرۇسالېمنىڭ پادىشاھى ئادونى-زىدىك ھىبرون پادىشاھى ھوھام، يارمۇت پادىشاھى پىرئام، لاكىش پادىشاھى يافىيا ۋە ئەگلون پادىشاھى دىبىرغا ئەلچى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 10:3
19 Referans Kwoze  

ئەي لاكىش ئاھالىسى، ھارۋىلارغا يۈگۈرۈك ئاتلارنى قېتىپ، قېچىڭلار! چۈنكى سىلەر ئىسرائىلىيەنىڭ گۇناھلىرىغا ئەڭ ئاۋۋال ئەگىشىپ، سىئون خەلقىنىڭ گۇناھ قىلىشىغا سەۋەبچى بولدۇڭلار.


ئادورايىم، لاكىش، ئازېقا،


كېيىن ئاسسۇر پادىشاھى ئۆزىنىڭ باش سەركەردىسى، ئوردا غوجىدارى ۋە خاس سەركەردىسىنى زور قوشۇنى بىلەن بىرگە لاكىش شەھىرىدىن يېرۇسالېمدىكى پادىشاھ خىزكىيانىڭ ئالدىغا ئەۋەتتى. ئۇلار يېرۇسالېمغا كېلىپ، بىر ئۆستەڭ بويىدا توختىدى. بۇ ئۆستەڭ «يۇقىرىدىكى كۆلچەك»كە سۇ قۇيۇلىدىغان، يەنى كىر يۇيىدىغان دالاغا بارىدىغان يولدا ئىدى.


يەھۇدىيە پادىشاھى خىزكىيا لاكىش شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان ئاسسۇر پادىشاھىغا ئەلچى ئەۋەتىپ، مۇنداق دېدى: _ گۇناھ مەندە، بۇ يەردىن چېكىنىپ كەتسىلە، ماڭا قانداق سېلىق سالسىلا، مەن ئۇنى ئۈستۈمگە ئالىمەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئاسسۇر پادىشاھى يەھۇدىيە پادىشاھى خىزكىياغا ئون توننا كۈمۈش ۋە بىر توننا ئالتۇن سېلىق سالدى.


داۋۇت ھىبروندا يەھۇدا قەبىلىسىگە جەمئىي يەتتە يېرىم يىل پادىشاھ بولدى.


زېلا، ھائەلەف، يىبۇس (يېرۇسالېم)، گىبئاھ، قىريات قاتارلىق 14 شەھەر بولۇپ، ئەتراپىدىكى يېزىلارمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدە. مانا بۇلار بىنيامىن قەبىلىسىگە جەمەتلەر بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىنلاردۇر.


لېكىن يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر يېرۇسالېمدىكى يىبۇسلارنى قوغلاپ چىقىرىشقا ئامالسىز قالغاچقا، يىبۇسلار داۋاملىق يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە ياشاپ كەلمەكتە.


خۇمتاھ، قىريات-ئاربا (يەنى ھىبرون) زىئور قاتارلىق جەمئىي توققۇز شەھەر ۋە ئەتراپىدىكى يېزىلار


(بۇرۇن ھىبرون شەھىرى قىريات-ئاربا دەپ ئاتىلاتتى. ئاربا ئاناقلارنىڭ ئەۋلادىدىن چىققان ئۇلۇغ قەھرىماندۇر.) شۇنىڭدىن كىيىن بۇ زېمىندا ئۇرۇش ئاخىرلاشتى.


شۇنىڭ بىلەن ئامورلارنىڭ بەش پادىشاھى، يەنى يېرۇسالېم پادىشاھى، ھىبرون پادىشاھى، يارمۇت پادىشاھى، لاكىش پادىشاھى ۋە ئەگلون پادىشاھى بىرلىشىپ قوشۇنلىرىنى ئېلىپ، گىبئونغا ئاتلاندى. ئۇلار گىبئوننى قورشاپ ھۇجۇم قىلدى.


يېرۇسالېمنىڭ پادىشاھى ئادونى-زىدىك يوشۇۋانىڭ ئېرىخا شەھىرىنى ۋەيران قىلىپ، پادىشاھىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ۋە ئاي شەھىرىنىمۇ تەلتۆكۈس ۋەيران قىلىپ، پادىشاھىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئاڭلىدى. ئۇ يەنە گىبئونلۇقلارنىڭ ئىسرائىللار بىلەن تىنچلىق ئەھدىنامىسى تۈزۈپ، ئىسرائىللار ئارىسىدا ياشاۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى.


ئۇلار دەسلەپ نەگېب چۆللۈكىدىن كېسىپ ئۆتۈپ، ھىبرون شەھىرىگە كەلدى. ئۇ يەردە ئاناقنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان ئاخىمان، شېشاي ۋە تالمايلار ياشايتتى. (ھىبرون مىسىردىكى زوئان شەھىرىدىن يەتتە يىل ئىلگىرى بىنا قىلىنغانىدى.)


ئاتىسى ئۇنىڭغا: _ سەن ئاكىلىرىڭ ۋە پادىلارنىڭ ئامان-ئېسەنلىكىنى بىلىپ، ماڭا خەۋەر قىلغىن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئاتىسى ئۇنى ھىبرون جىلغىسىدىن يولغا سالدى. يۈسۈپ شەكەمگە بېرىپ،


ئۇ كەنئاننىڭ قىريات-ئاربا، يەنى ھىبرون دېگەن جايىدا ئالەمدىن ئۆتتى. ئىبراھىم ئۇنىڭغا ھەسرەت بىلەن يىغا-زار قىلدى.


ئۇلار يېرۇسالېم پادىشاھى، ھىبرون پادىشاھى، يارمۇت پادىشاھى، لاكىش پادىشاھى ۋە ئەگلون پادىشاھىنى ئېلىپ كەلدى.


بابىل پادىشاھىنىڭ قوشۇنلىرى يېرۇسالېم، لاكىش ۋە ئازېقا شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىۋاتقانىدى. چۈنكى يەھۇدىيەنىڭ مۇستەھكەم شەھەرلىرىدىن پەقەت مۇشۇ شەھەرلەرلا قالغانىدى.


يوشۇۋا بارلىق ئىسرائىل قوشۇنىنى باشلاپ، لاكىشتىن ئايرىلىپ، ئەگلون شەھىرىگە يۈرۈش قىلدى. ئۇلار شەھەرنى قورشاپ ھۇجۇم باشلىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite