Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 10:29 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

29 كېيىن يوشۇۋا ئىسرائىل قوشۇنىنى باشلاپ بېرىپ، لىبناھ شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدى.

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 10:29
14 Referans Kwoze  

شۇنىڭ بىلەن روھانىي ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا ھىبرون شەھىرى (بىخەستەلىك قىلىپ ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغانلارنىڭ پاناھلىنىدىغان شەھەرلىرىنىڭ بىرى)، لىبناھ،


ۋە يەنە لىبناھ، ئەتەر، ئاشان،


زىدقىيا تەختكە چىققان چاغدا 21 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 11 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى خامۇتال بولۇپ، لىبناھ شەھىرىدىكى يەرەمىيانىڭ قىزى ئىدى.


ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ سەركەردىسى ئۆز پادىشاھىنىڭ لاكىشتىن لىبناھ شەھىرىگە قاراپ يۈرۈش قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، پادىشاھنىڭ يېنىغا قايتتى ۋە پادىشاھنى ئۇرۇش بولۇۋاتقان يەردىن تاپتى.


شۇنىڭدىن بېرى ئىدوملۇقلار يەھۇدىيەگە قارشى چىقىپ كەلمەكتە. شۇ چاغدا لىبناھلىقلارمۇ يەھۇدىيەگە قارشى چىقىشقانىدى.


لىبناھ پادىشاھى ئادۇللام پادىشاھى


شۇ ۋاقىتتا يوشۇۋا ماققېدا شەھىرىنى ئىگىلەپ، بۇ شەھەرنىڭ پادىشاھى ۋە بارلىق ئادەملىرىنى بىرنىمۇ قالدۇرماي، قىلىچ بىلەن ھەممىسىنى تەلتۆكۈس يوقاتتى. ئۇلار بۇ شەھەرنىڭ پادىشاھىنىمۇ ئېرىخا شەھىرىنىڭ پادىشاھىنى ئۆلتۈرگەنگە ئوخشاش ئۆلتۈردى.


يوشۇۋا ئاي پادىشاھىنىڭ جەسىتىنى گۇگۇم چۈشكۈچە دەرەخكە ئاستۇرۇپ قويدى. قۇياش پاتقاندا جەسەتنى دەرەختىن چۈشۈرۈشكە بۇيرۇق قىلدى. ئۇلار پادىشاھنىڭ جەسىتىنى دەرەختىن چۈشۈرۈپ، شەھەر دەرۋازىسى ئالدىغا تاشلىدى ۋە ئۈستىگە تاش دۆۋىلەپ قويدى. بۇ تاش دۆۋىسى شۇنىڭدىن بېرى شۇ يەردە تۇرماقتا.


سىلەر ئېرىخا شەھىرى ۋە ئۇنىڭ پادىشاھىنى قانداق قىلغان بولساڭلار، ئاي شەھىرى ۋە ئۇنىڭ پادىشاھىنىمۇ شۇنداق قىلىڭلار. بىراق بۇ قېتىم سىلەر ئۇلارنىڭ مال-مۈلۈك ۋە مال-چارۋىلىرىنى ئولجا ئالساڭلار بولىدۇ. شەھەرنىڭ كەينى تەرىپىگە بۆكتۈرمە قويۇڭلار.


ئۇلار شەھەردىكى بارلىق ئەر-ئايال، قېرى-ياش، كالا، قوي ۋە ئېشەكلەرنى قىلىچ بىلەن تەلتۆكۈس يوقاتتى.


رىممون-پارەزدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، لىبناھتا قارارگاھ قۇردى.


پەرۋەردىگار لىبناھ شەھىرىنىڭ پادىشاھىنى ۋە ئۇنىڭ بارلىق ئادەملىرىنى ئىسرائىللارنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. ئىسرائىللار بۇ شەھەرنىڭ بارلىق ئادەملىرىنى بىرنىمۇ تىرىك قالدۇرماي، قىلىچ بىلەن ھەممىسىنى تەلتۆكۈس قىرىپ تاشلىدى. ئۇلار بۇ شەھەرنىڭ پادىشاھىنىمۇ خۇددى ئېرىخا شەھىرىنىڭ پادىشاھىنى ئۆلتۈرگەنگە ئوخشاش ئۆلتۈردى.


ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ سەركەردىسى ئۆز پادىشاھىنىڭ لاكىشتىن لىبناھ شەھىرىگە قاراپ يۈرۈش قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، پادىشاھنىڭ يېنىغا قايتتى ۋە پادىشاھنى ئۇرۇشۇۋاتقان يەردە تاپتى.


شۇنىڭدىن بېرى ئىدوملۇقلار يەھۇدىيەگە قارشى چىقىپ كەلمەكتە. شۇ چاغدا لىبناھلىقلارمۇ يەھۇدىيەگە قارشى چىقىشقانىدى. چۈنكى يىھورام ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇدادىن يۈز ئۆرۈگەنىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite