Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 10:26 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

26 كېيىن يوشۇۋا بەش پادىشاھنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇلارنى بەش دەرەخكە ئېسىپ قويۇشقا بۇيرۇق قىلدى. كەچ كىرگۈچە بۇ جەسەتلەر دەرەختە ئېسىقلىق تۇردى.

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 10:26
14 Referans Kwoze  

يوشۇۋا ئاي پادىشاھىنىڭ جەسىتىنى گۇگۇم چۈشكۈچە دەرەخكە ئاستۇرۇپ قويدى. قۇياش پاتقاندا جەسەتنى دەرەختىن چۈشۈرۈشكە بۇيرۇق قىلدى. ئۇلار پادىشاھنىڭ جەسىتىنى دەرەختىن چۈشۈرۈپ، شەھەر دەرۋازىسى ئالدىغا تاشلىدى ۋە ئۈستىگە تاش دۆۋىلەپ قويدى. بۇ تاش دۆۋىسى شۇنىڭدىن بېرى شۇ يەردە تۇرماقتا.


ھالبۇكى، ئەيسا مەسىھ بىزنى تەۋرات قانۇنىغا تولۇق ئەمەل قىلالمىغانلىقىمىزدىن پەيدا بولغان لەنەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ قېلىپ، ئۇ لەنەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. بۇ ھەقتە مۇقەددەس يازمىلاردا: «ياغاچقا ئېسىلغان كىشى لەنەتكە قالغان كىشىدۇر» دەپ يېزىلغان.


پۈتۈن خەلق بىر ئېغىزدىن: - ئۇنىڭ قېنىنىڭ جاۋابكارلىقى بىزنىڭ ۋە بالىلىرىمىزنىڭ ئۈستىدە بولسۇن! - دېيىشتى.


تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق بۇ ئىشنىڭ راستلىقى ئىسپاتلانغاندىن كېيىن، بۇ ئىككى كىشى ئۆلتۈرۈلۈپ، خادىغا سانجىلدى. بۇ ۋەقە ئىمپېرىيەنىڭ تەزكىرىسىگە پادىشاھنىڭ كۆز ئالدىدا يېزىپ قويۇلدى.


داۋۇت بۇ ئوغۇللارنىڭ ھەممىسىنى گىبئونلۇقلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردى. گىبئونلۇقلار بۇ يەتتە ئوغۇلنى تاغدا پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا قەتل قىلدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىرلا ۋاقىتتا ئۆلدى. بۇ ۋەقە يۈز بەرگەندە ئارپا ئورمىسى ئەمدى باشلانغانىدى.


شۇڭا ئۇنىڭ ئەۋلادىدىن يەتتە ئەر كىشىنى بىزگە تاپشۇرۇپ بەرسىڭىز. بىز ئۇلارنى پەرۋەردىگار تاللىغان پادىشاھ سائۇلنىڭ شەھىرى گىبئاھتا پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا قەتل قىلىمىز، _ دېدى. _ بولىدۇ، مەن سائۇل جەمەتىدىن يەتتە ئەر كىشىنى قولۇڭلارغا تاپشۇرۇپ بېرەي، _ دېدى پادىشاھ.


سامۇئىل: _ سەن قىلىچىڭ بىلەن ئانىلارنى بالىلىرىدىن ئايرىغانىدىڭ، ئەمدى سېنىڭ ئاناڭمۇ ئۆز ئوغلىدىن ئايرىلسۇن، _ دېدى. سامۇئىل ئاگاگنى گىلگالدا پەرۋەردىگار ئالدىدا قىلىچ بىلەن چېپىپ تاشلىدى.


زەباخ بىلەن زالمۇننا گىدئونغا: _ سەن ھەقىقىي ئەركەك بولساڭ، ئۆزۈڭ بىزنى ئۆلتۈر! _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن گىدئون ئۆز قولى بىلەن ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋەتتى، ھەمدە ئۇلارنىڭ تۆگىلىرىنىڭ بوينىدىكى ھىلال ئاي شەكلىدىكى بېزەكلىرىنى ئېلىۋالدى.


مۇساغا: _ ئۇلارنىڭ باشلامچىلىرىنى تۇتۇپ، كۆز ئالدىمدا ئوچۇق-ئاشكارا ئۆلتۈرۈپ، مېنىڭ ئىسرائىللارغا بولغان غەزىپىمنى باسقىن، _ دېدى.


ئۇ كۈنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ ھارپىسى ئىدى. بۇ ھېيت دەم ئېلىش كۈنىگە توغرا كەلگەنىدى. يەھۇدىيلار كرېستكە مىخلانغانلارنىڭ جەسىتىنى دەم ئېلىش كۈنىدە كرېستتە قالدۇرۇشنى توغرا تاپمايتتى. شۇڭا، يەھۇدىي ئاقساقاللىرى جەسەتلەرنى كرېستتىن ئېلىۋېتىش مەقسىتىدە، ۋالىي پىلاتۇستىن مىخلانغانلارنىڭ تېزرەك ئۆلۈشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ پۇتلىرىنى چېقىۋېتىشنى تەلەپ قىلدى.


ئۇلار پەرياد كۆتەرسىمۇ چىقمىدى قۇتقۇزىدىغانلار، نالە قىلىپ يالۋۇرسىمۇ جاۋاب بەرمىدى پەرۋەردىگار.


ئېلىش ئۈچۈن ئىتائەتسىز قوۋملاردىن قىساسىنى، بەرمەك ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھەم ئەدىپىنى،


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite