22 يوشۇۋا ئادەملىرىگە بۇيرۇپ: _ ئۆڭكۈرنىڭ ئېغىزىنى ئېچىپ، بەش پادىشاھنى ئېلىپ كېلىڭلار! _ دېدى.
سامۇئىل ئامالەكلەرنىڭ پادىشاھى ئاگاگنى ئۆزىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشنى بۇيرۇدى. ئاگاگ ئۆزىچە: «ئەمدى ئۆلۈم خەۋپى ئۆتۈپ كەتتى» دەپ ئويلاپ، خاتىرجەم ھالدا سامۇئىلنىڭ ئالدىغا كەلدى.
ئىسرائىل قوشۇنى ماققېدادىكى قارارگاھىغا، يەنى يوشۇۋانىڭ يېنىغا ساق-سالامەت قايتىپ كەلدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ھېچكىم ئىسرائىللارغا قارشى بىر ئېغىز گەپ قىلىشقىمۇ پېتىنالمىدى.
ئۇلار يېرۇسالېم پادىشاھى، ھىبرون پادىشاھى، يارمۇت پادىشاھى، لاكىش پادىشاھى ۋە ئەگلون پادىشاھىنى ئېلىپ كەلدى.
پەقەت ئاي شەھىرىنىڭ پادىشاھىلا تىرىك ھالدا يوشۇۋانىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىندى.
قوشۇنلىرىغا: _ بىرنەچچە ئادەم قورام تاشلار بىلەن ئۆڭكۈرنىڭ ئېغىزىنى ئېتىپ قويۇپ، ئۇ يەرنى كۆزەت قىلسۇن.