Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 10:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 پادىشاھ ئادونى-زىدىك بۇ ئىشلارنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن قورقتى. چۈنكى گىبئون شەھىرى ئاي شەھىرىدىنمۇ چوڭ بولۇپ، پادىشاھى بار بىرنەچچە شەھەرگە تەڭ كېلەتتى. ئادەملىرىمۇ باتۇر ئىدى.

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 10:2
16 Referans Kwoze  

ھېچكىم سىلەرگە تاقابىل تۇرالمايدۇ. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا دېگىنىنى قىلىدۇ، سىلەر ئاياغ باسقان يەردىكىلەرنىڭ ھەممىسى سىلەردىن قورقۇپ، ۋەھىمىگە چۈشىدۇ.


ئۇلار: _ پەرۋەردىگار ھەقىقەتەن پۈتكۈل زېمىننى بىزگە ئاتا قىلىپتۇ. ئۇ يەردىكى ئادەملەر قورققىنىدىن يۈرەكلىرى سۇ بولۇپ كېتىپتۇ! _ دېدى.


مەڭگۈ ھايات خۇدا تەرىپىدىن جازاغا تارتىلىش نېمىدېگەن قورقۇنچلۇق-ھە!


بىزگە قالىدىغىنى پەقەت سوراق ۋە خۇدا بىلەن قارشىلىشىدىغانلارنى ئۆرتەپ تۈگىتىدىغان يالقۇنلۇق ئوتنى قورقۇنچ ئىچىدە كۈتۈشتۇر.


ياماننىڭ قورققىنى ئۇنىڭ بېشىغا چۈشەر، ھەققانىيلارنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشار.


شۇ ۋاقىتتا يوئاب ئاممونلارنىڭ پايتەختى رابباھقا بولغان ھۇجۇمنى داۋام قىلىۋاتاتتى. نەتىجىدە، ئۇ پادىشاھ ئوردىسىنى ئىگىلىدى.


داۋۇت گات پادىشاھى ئاكىشقا: _ ئەگەر پېقىر نەزەرلىرىدە ئىلتىپاتلىرىغا لايىق ئادەم بولسام، ئەتراپتىكى شەھەرلەردىن بىر جاي بەرسىلە، پېقىر قانداقسىگە ئۆزلىرى بىلەن پايتەختتە ياشايمەن، _ دېدى.


يەر يۈزىدىكى بارلىق خەلقلەر سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارغا مەنسۇپ بولغان خەلق ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىدۇ ھەم سىلەردىن قورقىدۇ.


گىبئون شەھىرىدە ياشايدىغان خىۋلارمۇ يوشۇۋانىڭ ئېرىخا شەھىرى ۋە ئاي شەھىرىدە قىلغان ئىشلىرىنى ئاڭلاپ،


بۈگۈندىن باشلاپ، يەر يۈزىدىكى پۈتۈن ئىنساننى سەندىن قورقىدىغان قىلىمەن. ئۇلار سېنىڭ ئىسمىڭنى ئاڭلىسا، قورقۇپ، تىترىشىپ كېتىدۇ.»


ئۇلار جاۋاب بېرىپ: _ چۈنكى بىز پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئۆز خىزمەتكارى مۇساغا ئەمر قىلىپ، پۈتكۈل زېمىننى سىلەرگە ئاتا قىلغانلىقىنى، سىلەرنىڭ شۇ زېمىنلاردا ياشاۋاتقان بارلىق خەلقلەرنى يوقىتىدىغانلىقىڭلارنى ئاڭلىدۇق. بىز ئۆلۈپ كېتىشتىن قاتتىق قورقتۇق. مانا بۇ بىزنىڭ نېمە ئۈچۈن سىلەرنى ئالدىغانلىقىمىزنىڭ سەۋەبىدۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite