16 ئۇرۇشتا ئامورلارنىڭ بەش پادىشاھى قېچىپ كېتىپ، ماققېدادىكى بىر ئۆڭكۈرگە يوشۇرۇنۇۋالغانىدى.
دۇنيانىڭ پادىشاھلىرى، ھۆكۈمرانلىرى، سەردارلىرى، بايلىرى، ھوقۇقدارلىرى، قۇللىرى ۋە ھۆرلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆڭكۈرلەرگە ۋە تاغلارنىڭ كامارلىرىغا يوشۇرۇندى.
ئۇلار يىلاندەك، يەر بېغىرلىغۇچى جانلىقتەك توپا يالايدۇ، ئۇۋىلىرىدىن تىترىگەن ھالدا چىقىپ كېلىشىدۇ. ئۇلار پەرۋەردىگارىمىز خۇدادىن دەھشەتكە چۈشىدۇ، ئۇنىڭدىن قورقىدۇ.
ئۇلار گۆر كولاپ كىرىۋالسىمۇ، كىرىۋالغان جايلىرىدىن تارتىپ چىقىرىمەن. ئۇلار ئاسمانغا چىقىۋالسىمۇ، ئاسماندىن تارتىپ چۈشۈرىمەن.
شۇنىڭ بىلەن داۋۇتمۇ غاردىن چىقتى ۋە سائۇلنىڭ ئارقىسىدىن: _ ھەي پادىشاھ ئالىيلىرى! _ دەپ سائۇلنى چاقىردى. سائۇل بۇرۇلۇپ، داۋۇتنىڭ يەرگە باش قويۇپ، ئۆزىگە تەزىم قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى.
سائۇل يول بويلىرىدا قوي قوتانلىرى بار يەرگە كەلگەندە، بىر غارنى كۆرۈپ، ھاجەت قىلغىلى كىردى. داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى دەل شۇ غارنىڭ ئىچكىرىسىدە يوشۇرۇنۇپ تۇرغانىدى.
ئەمما ئىسرائىللار بولسا ئۆزلىرىنىڭ خەۋپ ئاستىدا قالغانلىقىنى، ئەھۋالىنىڭ ناچارلىقىنى كۆرۈپ، غارلارغا، كامارلارغا، قىيا تاشلار ئارىسىغا، قەبرىلەرگە ۋە ئازگاللارغا يوشۇرۇنۇۋالدى.
مىديانلار ئىسرائىللاردىن كۈچلۈك بولغاچقا، ئىسرائىللار تاغدىكى بىخەتەر جايلار، ئۆڭكۈرلەر ۋە قورغانلاردا پاناھلاندى.
شۇنىڭ بىلەن ئامورلارنىڭ بەش پادىشاھى، يەنى يېرۇسالېم پادىشاھى، ھىبرون پادىشاھى، يارمۇت پادىشاھى، لاكىش پادىشاھى ۋە ئەگلون پادىشاھى بىرلىشىپ قوشۇنلىرىنى ئېلىپ، گىبئونغا ئاتلاندى. ئۇلار گىبئوننى قورشاپ ھۇجۇم قىلدى.
ئۇرۇشتىن كېيىن يوشۇۋا بىلەن ئىسرائىللارنىڭ پۈتۈن قوشۇنى ئۆزلىرىنىڭ گىلگالدىكى قارارگاھىغا قايتىشتى.
يوشۇۋا ئامورلارنىڭ بەش پادىشاھىنىڭ ماققېدادىكى بىر ئۆڭكۈرگە يوشۇرۇنۇۋالغان يېرىدىن تېپىلغانلىقىنى ئاڭلاپ،
«پادىشاھلار ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرى قېچىشتى.» ئۆيدە ئولتۇرغان قىز-ئاياللار ئولجىلارنى بۆلۈشتى.
بايلىق بولدى ھەممىسىگە بۇ ئولجىلار، باي بولدى ھەتتا ئۆي-ماكانسىز پادىچىلار، ئىگە بولدى يەنە كۈمۈش قاناتلىق، ئالتۇن پەيلىك كەپتەرلەرگە ئۇلار.