8 قانۇنلىرىم ئاغزىڭدىن چۈشمىسۇن، كېچە-كۈندۈز قانۇنلىرىم ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىپ، ئۇنىڭدا يېزىلغانلارغا كۆڭۈل قويۇپ، ئەمەل قىلغىن. شۇنداق قىلساڭ، بارلىق ئىشلىرىڭ يۈرۈشۈپ، ئوڭۇشلۇق بولىدۇ.
چوڭقۇر پىكىر قىلىمەن نىزاملىرىڭ ئۈستىدە، ئويلىنىمەن يول-قەدىمىڭ ھەققىدە.
ئى پەرۋەردىگار، قورام تېشىم ۋە نىجاتكارىم، خۇش قىلغاي سېنى سۆزلىرىم ۋە خىياللىرىم.
ئەيسا مەسىھنىڭ تەلىملىرى قەلبىڭلاردىن تولۇق ئورۇن ئالسۇن. بىر-بىرىڭلارغا خۇدادىن كەلگەن بارلىق ئەقىل-پاراسەت بىلەن تەلىم بېرىڭلار ۋە نەسىھەت قىلىڭلار. مىننەتدارلىققا تولغان قەلبىڭلار بىلەن خۇداغا زەبۇر مۇناجاتلىرى، مەدھىيە ناخشىلىرى ۋە مۇقەددەس روھنىڭ ئىلھامىدىن كەلگەن غەزەللەرنى ئېيتىڭلار.
ئەي ئوغلۇم، ئۇنتۇما تەلىمىمنى، چىڭ ساقلا قەلبىڭدە بۇيرۇقلىرىمنى.
شۇڭا سىلەر بۇ ئەھدىدىكى سۆزلەرگە ئەمەل قىلساڭلار، بارلىق ئىشىڭلار راۋان بولىدۇ.
كىم ئەمرلىرىمنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلسا، مېنى سۆيىدىغان كىشى شۇ بولىدۇ. مېنى سۆيىدىغان كىشىنى ئاتاممۇ سۆيىدۇ، مەنمۇ ئۇنى سۆيىمەن ۋە ئۆزۈمنى ئۇنىڭغا ئايان قىلىمەن.
- خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدىغان كىشى ئۇنىڭدىنمۇ بەختلىك! - دېدى ھەزرىتى ئەيسا.
- دېمەك، بۇ سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ ئەمەل قىلغانلار ئىمارەتنى قورام تاش ئۈستىگە سالغان ئەقىللىق كىشىلەرگە ئوخشايدۇ.
نىيەت قىلىپ گۇناھكار بولماسلىقنى، ساقلىدىم قەلبىمدە چىڭ سۆزلىرىڭنى.
شۇ قەدەر سۆيىمەن تەلىملىرىڭنى، ياد ئېتىمەن كۈنبويى ئۇلارنى.
- مېنى «رەببىم، رەببىم» دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىلا ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىغا كىرەلمەيدۇ. پەقەت ئەرشتىكى خۇدائاتامنىڭ ئىرادىسىنى ئادا قىلغانلارلا كىرەلەيدۇ.
بۇ ئىشلارنى بىلگەنىكەنسىلەر، سىلەرمۇ شۇنداق قىلساڭلار، نەقەدەر بەختلىكسىلەر!
سەن ئىنتايىن قەيسەر ۋە جاسارەتلىك بول! خىزمەتكارىم مۇسا ساڭا ئۆگەتكەن پۈتكۈل قانۇنلىرىمغا كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلىپ، ئۇنىڭدىن تېيىپ كەتمىسەڭلا، نەگىلا بارساڭ، ھەممە ئىشلىرىڭ ئوڭۇشلۇق بولىدۇ.
ئەكسىچە بۇ سۆز سىلەرگە ئىنتايىن يېقىندۇر، ئۇ تىلىڭلار ۋە دىلىڭلاردىدۇر. ئۇنىڭغا ئاسانلا ئەمەل قىلالايسىلەر.
ئۇلارنىڭ مەندىن ھەر دائىم ئەيمىنىشىنى، پەرزلىرىمگە ئەمەل قىلىشىنى ئارزۇ قىلىمەن. شۇنداق قىلسا، ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى مەڭگۈ بەختكە ئېرىشىدۇ.
ئەقىل-ئىدراك ئۇستازلىرىمدىن كۆپرەك بولدى مەندە، چۈنكى چوڭقۇر تەپەككۇر قىلدىم ئەمرلىرىڭ ھەققىدە.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن بىلەن ئۇلار ئارىسىدا تۈزۈلگەن ئەھدە مۇنداقتۇر: ساڭا ئاتا قىلغان روھىم، ئاغزىڭغا سالغان سۆزلىرىم ئاغزىڭدىن ئايرىلمايدۇ، ئەۋلادلىرىڭلارنىڭ، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئاغزىدىن ئايرىلمايدۇ، بۈگۈندىن تارتىپ مەڭگۈگە ئايرىلمايدۇ.» بۇ پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!
شۇڭا سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئەمر قىلغانلىرىغا ئىتائەت قىلىڭلار، ئۇنىڭ يولىدىن چەتنەپ كەتمەڭلار.
پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بەلگىلەپ بەرگەن ئورۇنغا كېلىپ، ئىبادەت قىلغان ۋاقتىڭلاردا، خەلققە بۇ قانۇننى ئۈنلۈك ئوقۇپ بېرىڭلار.
ئاغزىڭلاردىن ھەرگىز يامان سۆزلەر چىقمىسۇن. ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ، ئۇلارغا پايدىلىق بولسۇن دەپ، مېھىر-شەپقەتلىك سۆزلەرنى قىلىڭلار.
ياخشى ئادەم قەلبىدىكى ياخشىلىقىدىن ياخشىلىق چىقىرىدۇ. يامان ئادەم قەلبىدىكى يامانلىقىدىن يامانلىق چىقىرىدۇ.
يوشۇرۇپ يۈرمىدىم قەلبىمدە ئادالىتىڭنى، بايان ئەيلىدىم ۋاپادارلىقىڭ ھەم نىجاتلىقىڭنى. پىنھان تۇتمىدىم بۈيۈك جامائەتتىن، مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ ۋە ھەقىقىتىڭنى.
ئۇلارغا مەن سىلەرگە بۇيرۇغان بارلىق ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىشنى ئۆگىتىڭلار. مەن ھەقىقەتەنمۇ زامان ئاخىرىغىچە ھەر دائىم سىلەر بىلەن بىللە بولىمەن.
ھاياتلىق دەرىخىنىڭ مېۋىلىرىدىن بەھرىمەن بولۇش ۋە شەھەر دەرۋازىلىرىدىن كىرىش ھوقۇقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن تونلىرىنى يۇيۇپ تازىلىغانلار نەقەدەر بەختلىك!
بىر كۈنى كۈنپېتىش ۋاقتىدا ئۇ دالادا خۇدانى چوڭقۇر سېغىنىپ ئولتۇراتتى. يىراقتىن تۆگە كارۋىنىنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى.
مۇسا بۇ قانۇننىڭ پۈتۈن ئەمرلىرىنى پۈتۈپ بولغاندىن كېيىن،
كېيىن يوشۇۋا پۈتكۈل تەۋرات قانۇنىنى، جۈملىدىن ئۇنىڭدا يېزىلغان بەخت تىلەش ۋە قارغاشلارغا دائىر پارچىلارنى ئۈنلۈك ئوقۇدى.
مۇسا پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا بۇ سۆزلەرنى قىلدى: _ ئەي ئىسرائىللار، بۈگۈن مەن سىلەرگە جاكارلىغان بۇ قانۇن-نىزاملارغا قۇلاق سېلىڭلار، ئۇلارنى ئۆگىنىڭلار، ئۇلارغا كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلىڭلار.
ئىگىلىگەن زېمىنلارنى رۇبېن، گاد ھەمدە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ يېرىمىغا مۈلۈك قىلىپ بەردۇق.
زىكىرىيا ئۇززىياغا خۇدانىڭ يولىدا مېڭىشنى ئۆگەتتى. ئۇززىيا زىكىرىيا ھايات ۋاقتىدا خۇداغا ئىنتىلدى ۋە خۇدامۇ ئۇنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈردى.