Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 1:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 سىلەرنىڭ زېمىنىڭلار جەنۇبىي تەرەپتىكى چۆلدىن باشلىنىپ شىمال تەرەپتىكى لىۋان تاغلىرىغىچە، كۈنچىقىش تەرەپتىكى ئۇلۇغ فىرات دەرياسىدىن باشلىنىپ پۈتكۈل خىتلارنىڭ زېمىنىنى كېسىپ ئۆتۈپ، كۈنپېتىش تەرەپتىكى ئوتتۇرا دېڭىزغىچە كېڭىيىدۇ.

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 1:4
12 Referans Kwoze  

سىلەرنىڭ زېمىنىڭلارنىڭ چېگراسىنى قىزىل دېڭىزدىن ئوتتۇرا دېڭىزغىچە، قۇملۇق رايونىدىن فىرات دەرياسىغىچە كېڭەيتىمەن. مەن سىلەرگە يەرلىك خەلقنى بويسۇندۇرۇش قۇدرىتىنى بېرىمەن. سىلەر ئۇ يەرگە كىرگەن ۋا قتىڭلاردا، ئۇلارنى قوغلىۋېتەلەيسىلەر.


سىلەرنىڭ ئايىغىڭلار تەگكەنلا يەر سىلەرگە تەۋە بولىدۇ. چۆللۈكتىن لىۋانغىچە، فىرات دەرياسىدىن ئوتتۇرا دېڭىزغىچە بولغان ھەممە يەرلەر سىلەرنىڭ زېمىنىڭلار بولىدۇ.


ئۆتۈنەي، مېنىڭ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، ئۇ تەرەپتىكى گۈزەل زېمىننى، ئاشۇ گۈزەل تاغلىق يەرلەرنى ۋە لىۋاننى كۆرۈشۈمگە نېسىپ قىلغايسەن.»


ئەمدى ئامور خەلقىنىڭ تاغلىق رايونلىرىغا ۋە ئۇلارنىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئەتراپىدىكى قوشنا رايونلىرىغا، تاغلىق رايونلار ۋە غەربىي ئېدىرلىقلارغا، نەگېب چۆللۈكى ۋە ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرىدىكى تۈزلەڭلىككە بېرىڭلار. كەنئان زېمىنىغا ۋە لىۋانغا قاراپ يولغا چىقىڭلار، تاكى فىرات دەرياسىغىچە بېرىڭلار.


زوباھ پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى ھادادئەزەر فىرات دەرياسى ئەتراپىدىكى زېمىنغا قايتا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا ئاتلىنىپ چىققاندا، داۋۇت ئۇنى مەغلۇپ قىلدى.


ئۇلارنىڭ گىلئاد زېمىنىدىكى مال-چارۋىلىرى كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار يەنە شەرققە كېڭىيىپ فىرات دەرياسىنىڭ غەربىگىچە سوزۇلغان كەڭ دالانى ئىگىلىۋالدى.


بۇ ئاۋاز ئالتىنچى پەرىشتىگە: «چوڭ فىرات دەرياسىنىڭ يېنىدا باغلاقلىق تۆت پەرىشتىنى بوشات» دېدى.


پادىشاھ سۇلايمان فىرات دەرياسىدىن فىلىستىيەگىچە، فىلىستىيەدىن مىسىرغىچە بولغان ئارىلىقتىكى پۈتۈن پادىشاھلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى. ئۇلار سۇلايمان ھايات چېغىدا ئۇنىڭغا ئالۋان-سېلىق تاپشۇرۇپ، ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولاتتى.


قۇدرەتلىك پادىشاھلار ئۇ يەردە ياشىغان ۋە فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى پۈتۈن ئۆلكىنى سورىغانىكەن ھەم ئۇ يەردە ياشىغانلاردىن ھەر خىل ئالۋان-سېلىقلارنى ئېلىپ كەلگەنىكەن.


مىسىردىن كەلتۈرۈلگەن جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ ھەربىرىنىڭ باھاسى سەككىز كىلو كۈمۈش، ئاتنىڭ ھەربىرىنىڭ باھاسى ئىككى كىلو كۈمۈش ئىدى. پادىشاھ سۇلايماننىڭ سودىگەرلىرى ئۇلارنى خىتلار ۋە ئارراملارنىڭ پادىشاھلىرىغا سېتىشاتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite