Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 1:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 _ مېنىڭ خىزمەتكارىم مۇسا ۋاپات بولدى. ئەمدى سەن بارلىق ئىسرائىل خەلقىنى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇلارنى مەن ئۇلارغا ئاتا قىلماقچى بولغان زېمىنغا ئېلىپ بېرىشقا تەييارلانغىن.

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 1:2
13 Referans Kwoze  

سەن بۇ ئىشنى يوشۇۋاغا ھاۋالە قىلغىن، ئۇنى ئىلھاملاندۇرۇپ ئىرادىسىنى مۇستەھكەملىگىن. چۈنكى ئۇ ئىسرائىللارنى باشلاپ دەريادىن ئۆتۈپ، سەن نەزەر سالغان ئاشۇ زېمىننى ئىگىلەيدۇ» دېدى.


مۇسا يوشۇۋانى چاقىرىپ كېلىپ، پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «قەيسەر ۋە جاسارەتلىك بول! چۈنكى سەن ئىسرائىللارنى پەرۋەردىگار ئىلگىرى ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىغا ئاتا قىلىشقا ۋەدە قىلغان زېمىنغا باشلاپ كىرىسەن، ئۇلار سەن ئارقىلىق بۇ زېمىنغا ئىگە بولىدۇ.


«قاراڭلار، مەن قوللىغان، مەن تاللىغان، مەن ياقتۇرغان خىزمەتكارىمغا! مەن ئۆزۈمنىڭ روھىنى ئۇنىڭغا ئاتا قىلدىم. ئۇ بارلىق خەلقلەرگە ئادالەتنى يەتكۈزىدۇ.


_ سىلەر ھەرقايسى قارارگاھلارنى ئارىلاپ، خەلققە: «ئوزۇق-تۈلۈكلىرىڭلارنى تەييارلاپ قويۇڭلار. ئۈچ كۈندىن كېيىن پەرۋەردىگارىمىز خۇدا بىزگە مۈلۈك قىلىپ بەرمەكچى بولغان زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلىش ئۈچۈن ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتىمىز» دەپ ئۇقتۇرۇش قىلىڭلار، _ دېدى.


پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەر ۋاپات بولغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگار نۇننىڭ ئوغلى، يەنى مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ياردەمچىسى يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى:


لېكىن خىزمەتكارىم مۇساغا باشقىچە سۆزلەيمەن، ئۇ پۈتۈن خەلقىم ئارىسىدا ھەممىدىن سادىقتۇر.


خۇددى پەرۋەردىگار ئېيتقاندەك، پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى بولغان مۇسا موئابتا ۋاپات بولدى.


پەرۋەردىگار شەيتانغا: _ خىزمەتكارىم ئايۇپقا دىققەت قىلدىڭمۇ؟ زېمىندا ئۇنىڭدەك قۇسۇرسىز، دۇرۇس ئادەم يوق. ئۇ ماڭا ئىخلاسمەن بولۇپ، يامانلىقتىن يىراق تۇرىدۇ، _ دېدى.


سەن ھازىر كەنئاندا مۇساپىر بولۇپ ياشاۋاتىسەن. ئەمما بۇ زېمىننى ساڭا ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا ئاتا قىلىمەن. ئۇ سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنىڭ مەڭگۈلۈك مۈلكى بولىدۇ. مەن ئۇلارنىڭمۇ خۇداسى بولىمەن!


سەن ئۇلارغا ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك كۆپ ئەۋلاد بېرىپ، ئۇلارنى ئەجدادلىرىغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىنغا باشلاپ كەلدىڭ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite