Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 1:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

14 شۇڭا سىلەرنىڭ ئاياللىرىڭلار، بالىلىرىڭلار ۋە مال-چارۋىلىرىڭلار مۇسا پەيغەمبەر سىلەرگە تەقسىم قىلىپ بەرگەن ئىئوردان دەرياسىنىڭ قىرغىقىدىكى بۇ زېمىندا قالسا بولىدۇ. ئەمما بارلىق پالۋانلىرىڭلار قوراللىنىپ، قېرىنداش قەبىلىلەرنى باشلاپ دەريادىن ئۆتۈپ، قېرىنداشلىرىغا ياردەمدە بولسۇن.

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 1:14
9 Referans Kwoze  

ئايال سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك كىيىم كىيگەن بولۇپ، ئالتۇن، قىممەت باھالىق تاش ۋە ئۈنچە-مەرۋايىتلار بىلەن بېزەلگەنىدى. قولىدا يىرگىنچلىك نەرسىلەر ۋە ئۆز زىناسىنىڭ مەينەتچىلىكلىرى بىلەن تولغان بىر ئالتۇن قەدەھ بار ئىدى.


لەشكەر باشلىرى لەشكەرلەردىن يەنە مۇنداق دەپ سورىسۇن: «ئاراڭلاردا يۈرەكسىزلىك قىلىپ، قورقىدىغانلار بارمۇ؟ بولسا، باشقىلارنىڭ ئىرادىسىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن ئۆيىگە قايتسۇن.»


شۇنىڭ ئۈچۈن خۇدا ئۇلارنى يىراق يول بىلەن چۆلدىن ئۆتكۈزۈپ، قىزىل دېڭىز تەرەپكە باشلاپ ماڭدى. ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندا، قوراللىنىپ جەڭگە تەييار بولۇپ ماڭغانىدى.


ئاياللىرىمىز، بالىلىرىمىز، چارۋا ماللىرىمىزنىڭ ھەممىسى گىلئادنىڭ شەھەرلىرىدە قالىدۇ.


پەقەت ئايالىڭلار، بالا-چاقىلىرىڭلار ۋە چارۋا ماللىرىڭلار (سىلەرنىڭ نۇرغۇن چارۋا ماللىرىڭلارنىڭ بارلىقىدىن خەۋىرىم بار) مەن سىلەرگە بۆلۈپ بەرگەن شەھەرلەردە تۇرۇپ تۇرسۇن.


_ سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ھايات ۋاقتىدا سىلەرگە نېمىنى بۇيرۇغانلىقىنى بىلىسىلەر. مۇسا پەيغەمبەر مۇنداق دېگەنىدى: «پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرق قىرغىقىدىكى بۇ زېمىننى سىلەرنىڭ ماكانلىشىشىڭلار ئۈچۈن ئاتا قىلدى.»


پەرۋەردىگار قېرىنداش قەبىلىلەرنى سىلەرگە ئوخشاش ماكانلاشتۇرۇپ بولغۇچە، ئۇلارغا ياردەمدە بولۇڭلار. ئۇلارمۇ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئاتا قىلغان زېمىنغا ئىگە بولغاندىن كېيىن، سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەر سىلەرگە بەلگىلەپ بەرگەن ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا قايتساڭلار بولىدۇ.


ئۇ ئۆزى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى زېمىننى تاللىدى. باشلىقنىڭ نېسىۋىسى ئۇنىڭغا قالدۇرۇپ قويۇلدى. ئىسرائىل ئاقساقاللىرى جەم بولغاندا، گاد پەرۋەردىگارنىڭ ئادالىتىنى ئىجرا قىلدى، ئەمر-پەرمانلىرىغا ئەمەل قىلدى.»


رۇبېن ۋە گاد قەبىلىسى ھەم ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمى مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ئېيتقىنى بويىچە قوراللىنىپ، قالغان خەلقتىن بۇرۇن دەريادىن ئۆتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite