Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 1:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 _ سىلەر ھەرقايسى قارارگاھلارنى ئارىلاپ، خەلققە: «ئوزۇق-تۈلۈكلىرىڭلارنى تەييارلاپ قويۇڭلار. ئۈچ كۈندىن كېيىن پەرۋەردىگارىمىز خۇدا بىزگە مۈلۈك قىلىپ بەرمەكچى بولغان زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلىش ئۈچۈن ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتىمىز» دەپ ئۇقتۇرۇش قىلىڭلار، _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 1:11
9 Referans Kwoze  

_ ئەي ئىسرائىللار، قۇلاق سېلىڭلار! يېقىندا سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، سىلەردىن چوڭ ۋە كۈچلۈك بولغان ئەللەرنى زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ زېمىنىغا ئىگىدارچىلىق قىلىسىلەر. ئۇلار سېپىللىرى بۇلۇتقا تاقاشقان چوڭ شەھەرلەردە ياشايدۇ.


_ سەن خەلقىمگە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى خىزكىيانىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ، ئۇنىڭغا: «پەرۋەردىگار، يەنى ئەجدادىڭ داۋۇت ئېتىقاد قىلغان خۇدا ساڭا: ‹مەن سېنىڭ دۇئايىڭنى ئاڭلىدىم ۋە كۆز يېشىڭنى كۆردۈم. مەن سېنى ساقايتىمەن، ئۈچىنچى كۈنى ئىبادەتخانامغا بارالايسەن.


ئىككى كۈن ئۆتۈپلا ئۇ بىزنى قايتا ھاياتلىققا ئېرىشتۈرىدۇ، ئۈچىنچى كۈنى كەلگەندە، ئۇ بىزنى ئورنىمىزدىن دەس تۇرغۇزىدۇ. شۇنداق قىلىپ، بىز ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا ياشايمىز.


ئۈچ كۈندىن كېيىن يېتەكچىلەر قارارگاھلارنى ئارىلاپ،


سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلماقچى بولغان زېمىننى ئىگىلەڭلار. سىلەر ئۇ زېمىنغا ئورۇنلاشقاندىن كېيىن،


ئۆگۈنلۈككىچە ھەممىسى تەييارلىقنى پۈتكۈزسۇن. چۈنكى ئۇ كۈنى مەن ئىسرائىل خەلقىنىڭ كۆز ئالدىدىلا سىناي تېغىغا چۈشىمەن.


_ مېنىڭ خىزمەتكارىم مۇسا ۋاپات بولدى. ئەمدى سەن بارلىق ئىسرائىل خەلقىنى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇلارنى مەن ئۇلارغا ئاتا قىلماقچى بولغان زېمىنغا ئېلىپ بېرىشقا تەييارلانغىن.


شۇنىڭ بىلەن يوشۇۋا خەلقنىڭ يېتەكچىلىرىگە بۇيرۇق بېرىپ:


شۇ ۋاقىتتا مەن ئۇلارغا مۇنداق دېدىم: «پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بۇ زېمىننى سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بەردى. لېكىن سىلەرنىڭ قوراللانغان بارلىق لەشكەرلىرىڭلار ئالدى بىلەن دەريادىن ئۆتسۇن، باشقا قەبىلىلەر ئارقاڭلاردىن ئەگەشسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite