Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يۇنۇس 4:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 لېكىن خۇدا ئۇنىڭدىن: _ بۇ قاپاق پېلىكى ئۈچۈن شۇنچە ئاچچىقلىنىشىڭ توغرىمۇ؟ _ دەپ سورىدى. _ توغرا، ئاچچىقىمدا ئۆلگۈدەك بولدۇم! _ دەپ جاۋاب بەردى يۇنۇس.

Gade chapit la Kopi




يۇنۇس 4:9
13 Referans Kwoze  

سېنىڭ بۇ ئاچچىقىڭ پەقەت ئۆزۈڭنىلا بەربات قىلىدۇ، زېمىن سېنىڭ سەۋەبىڭدىن تاشلىنىپ قالسۇنمۇ؟ تاشلار ئورنىدىن يۆتكەپ كېتىلسۇنمۇ؟


ئەخمەق ئادەمنى غەزەپ ئۆلتۈرەر، نادان ئادەمنى ھەسەت.


دىلەيلا كۈندە كوتۇلداپ، غەلۋە قىلىپ، ئۇنى ئۆلگۈدەك بىزار قىلدى.


ئۇ كۈنلەردە، ئىنسانلار ئۆلۈمنى ئىزدەيدۇ، لېكىن تاپالمايدۇ؛ ئۆلۈمنى سېغىنىدۇ، لېكىن ئۆلۈم ئۇلاردىن قاچىدۇ.


چۈنكى، خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن چەككەن قايغۇ كىشىنى توۋا قىلدۇرۇپ، ئۇنى قۇتقۇزۇلۇشقا ئېلىپ بارىدۇ. بۇ خىل توۋا قىلىش كىشىنى پۇشايمان قىلدۇرمايدۇ. لېكىن، بۇ دۇنيانىڭ ھەلەكچىلىكى ئۈچۈن بولغان قايغۇ بولسا كىشىنى توۋا قىلدۇرۇشقا ئەمەس، بەلكى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدۇ.


ئۇ ئۇلارغا: - جېنىم چىقىپ كېتىدىغاندەك غەم-قايغۇغا پاتتى. سىلەر بۇ يەردە قېلىپ، مەن بىلەن بىرلىكتە ھوشيار تۇرۇڭلار، - دېدى


ئاگاھ بول، ھېچكىم سېنى بايلىقى بىلەن ئازدۇرمىسۇن، ئالغان پاراڭنىڭ كۆپلۈكى سېنى ھەق يولدىن ياندۇرمىسۇن.


يۇنۇس بۇ ئىشتىن تولىمۇ نارازى بولۇپ، ناھايىتى ئاچچىقلاندى.


كۈن چىققاندا، خۇدا كۈنچىقىش تەرەپتىن ئىسسىق شامال چىقاردى. قىزىق ئاپتاپ يۇنۇسنىڭ بېشىغا چۈشۈپ، ئۇنى ھالىدىن كەتكۈزدى. شۇڭا ئۇ ئۆلۈمنى تىلەپ: «تىرىك ياشىغىنىمدىن ئۆلگىنىم ياخشى!» دېدى.


پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ سەن ئۆزۈڭ ئۆستۈرمىگەن ھەم ئەمگەك سىڭدۈرمىگەن، بىر كېچىدە ئۆسۈپ، ئىككىنچى كېچىسى قۇرۇپ كەتكەن بىر تۈپ قاپاق پېلىكى ئۈچۈن ئىچىڭ ئاغرىغان يەردە،


ئاخاب ئوردىسىغا قايتىپ كېلىپ، نابوتنىڭ: «مەن ساڭا ئاتا-بوۋىلىرىمدىن قالغان مىراس يەرنى بەرمەيمەن» دېگەن سۆزىگە خاپا بولۇپ، ئاچچىقلانغان ھالدا تامغا قاراپ يېتىۋالدى، تاماقمۇ يېمىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite