يۇنۇس 4:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى6 پەرۋەردىگار خۇدا يۇنۇسنى كۆڭۈل غەشلىكىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن بىر قاپاقنى ئۈندۈرۈپ، ئۇنىڭ پېلىكىنى چەللىنىڭ ئۈستىگە يېيىلدۈرۈپ، يۇنۇسنىڭ بېشىغا سايە قىلدى. يۇنۇس قاپاق پېلىكىدىن ئىنتايىن خۇش بولدى. Gade chapit la |
پادىشاھ خىزكىيا ئىنتايىن خۇشال بولۇپ، ئەلچىلەرنى قىزغىن كۈتۈۋالدى ھەمدە ئۇلارغا خەزىنىسىدىكى ئالتۇن، كۈمۈش، خۇش پۇراق بۇيۇملار، قىممەتلىك مايلار ۋە قورال ئامبىرىدىكى بارلىق قورال-ياراغ قاتارلىق ئۆزىنىڭ بارلىق بايلىقىنى كۆرسەتتى. پادىشاھ خىزكىيانىڭ ئوردىسىدا، شۇنداقلا پادىشاھلىقىدا ئۇلارغا كۆرسەتمىگەن بىرمۇ نەرسە قالمىدى.