5 شۇنىڭ بىلەن يۇنۇس شەھەرنىڭ سىرتىغا چىقىپ، شەھەرنىڭ شەرق تەرىپىگە بىر چەللە تىكىپ، ئۇنىڭ ئاستىدا ئولتۇرۇپ، نىنەۋى شەھىرىدە نېمە ۋەقە يۈز بېرىدىغانلىقىنى كۈتتى.
ئىلياس بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ، تونى بىلەن يۈزىنى ئېتىپ، غارنىڭ ئېغىزىدا تۇردى. شۇ چاغدا: _ ئەي ئىلياس، بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن؟ _ دېگەن سادا ئاڭلاندى.
ئىلياس كېچىنى بىر غاردا ئۆتكۈزدى. ئۇ يەردە پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ ئەي ئىلياس، بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن؟
مەن ئىنساننىڭ ئاچكۆزلۈكى سەۋەبىدىن غەزىپىم كېلىپ، ئۇنىڭغا زەربە بېرىمەن، يۈزۈمنى ئۆرۈپ غەزەپلىنىمەن. ئەمما ئۇ يەنىلا ئۆزى بىلگەن يامان يولىدا مېڭىۋېرىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن كېمىچىلەر قاتتىق ۋەھىمىگە چۈشۈپ، ھەركىم ئۆز ئىلاھلىرىغا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن نىدا قىلدى. ئۇلار كېمە يېنىكلىسۇن دەپ، كېمىدىكى ماللارنى دېڭىزغا تاشلاشتى. بۇ ۋاقىتتا يۇنۇس كېمىنىڭ ئاستىنقى بۆلۈمىدە قاتتىق ئۇيقۇغا كەتكەنىدى.
ئەگەردە، مەن ‹سېنى تىلىمغا ئالمايمەن، سېنىڭ نامىڭ بىلەن سۆزلىمەيمەن› دېسەم، سېنىڭ سۆزلىرىڭ يۈرىكىمدە ئوتتەك كۆيىدۇ، سۆزلىرىڭ سۆڭەكلىرىمدىكى بىر ئوتقا ئوخشايدۇ. مەن ئۇلارنى سىر ساقلاشقا تىرىشسام چارچاپ كېتىمەن، ئۇنى سۆزلەشكە مەجبۇر بولىمەن.
پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ ئاچچىقلىنىشىڭ توغرىمۇ؟ _ دېدى.
پەرۋەردىگار خۇدا يۇنۇسنى كۆڭۈل غەشلىكىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن بىر قاپاقنى ئۈندۈرۈپ، ئۇنىڭ پېلىكىنى چەللىنىڭ ئۈستىگە يېيىلدۈرۈپ، يۇنۇسنىڭ بېشىغا سايە قىلدى. يۇنۇس قاپاق پېلىكىدىن ئىنتايىن خۇش بولدى.