11 مەن ئاق-قارىنى پەرقلەندۈرەلمەيدىغان 120 مىڭ ئادىمى ۋە نۇرغۇن ھايۋانلىرى بار نىنەۋىدەك چوڭ شەھەرگە ئىچ ئاغرىتماي تۇرالامدىم؟! _ دېدى.
مەن ساڭا ئىچ ئاغرىتقىنىمدەك، سەنمۇ چاكار بۇرادىرىڭگە ئىچ ئاغرىتىشىڭ كېرەك ئىدىغۇ؟» دەپتۇ.
پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: _ سەن دەرھال بۈيۈك شەھەر نىنەۋىگە بېرىپ، شەھەردىكىلەرگە ھۆكۈمۈمنى جاكارلا، چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ نەقەدەر رەزىل ئىكەنلىكىنى كۆردۈم.
ئى پەرۋەردىگار، ھەققانىيلىقىڭ ئوخشار بۈيۈك تاغلارغا، ھۆكۈملىرىڭ دېڭىز-ئوكيان چوڭقۇرلۇقىغا، غەمخورلۇق قىلىسەن ئىنسان ھەم ھايۋانغا.
ئۇلارنىڭ بالىلىرى ھەققىدە پەرۋەردىگار ئۇلارغا مۇنداق دېگەنىدى: «سىلەر ‹بالا-چاقىلىرىمىز ئەسىر بولۇپ قالىدۇ› دەپ ئويلىغانىدىڭلار، لېكىن ئاق-قارىنى تېخى پەرق ئېتەلمەيدىغان بۇ بالىلار ئاشۇ زېمىنغا بارىدۇ. مەن ئۇ زېمىننى ئۇلارغا ئاتا قىلىمەن، ئۇلار ئۇ يەرنى ئىگىلەيدۇ.
چارۋا ئۈچۈن دالىدا ئوت-چۆپلەرنى ئۆستۈردۈڭ، ئوزۇقىنى ئىنسانلار قارا يەردىن ئالسۇن دەپ، ئېتىزلاردا زىرائەت-كۆكتاتلارنى ئۆستۈردۈڭ.
خۇدا ئۇلارنىڭ توۋا قىلغانلىقلىرىنى، يەنى يامان يوللىرىدىن يانغانلىقىنى كۆرگەندە، ئىلگىرى ئۆزى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرمەكچى بولغان بالايىئاپەتلەرنى ئۇلارغا چۈشۈرمىدى.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «كېلىڭلار، بىرلىكتە باش قوشۇپ، بۇنى ھەل قىلايلى. گەرچە گۇناھلىرىڭلار قىزىل داغدەك بولسىمۇ، ئۇلار قاردەك ئاق بولىدۇ. ئۇلار ھەتتا قىپقىزىل داغدەك بولسىمۇ، ئاقارتىلغان قوي يۇڭىدەك ئاپئاق بولىدۇ.
بالا ئاق-قارىنى پەرق ئېتەلىگۈدەك بولغان ۋاقىتقىچە، سىلەرنى ۋەھىمىگە سالغان ئىككى پادىشاھنىڭ زېمىنى ئاللىبۇرۇن تاشلاندۇق يەرگە ئايلىنىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن ئاسسۇر پادىشاھى سانخېرىب ھايات قالغان قوشۇنلىرىنى ئېلىپ، ئۆز ئېلىگە قايتتى. پادىشاھ سانخېرىب نىنەۋى شەھىرىدىكى ئۆيىگە قايتىپ، شۇ يەردە تۇرۇپ قالدى.
پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ سەن ئۆزۈڭ ئۆستۈرمىگەن ھەم ئەمگەك سىڭدۈرمىگەن، بىر كېچىدە ئۆسۈپ، ئىككىنچى كېچىسى قۇرۇپ كەتكەن بىر تۈپ قاپاق پېلىكى ئۈچۈن ئىچىڭ ئاغرىغان يەردە،
ھەمدە يەر يۈزىدىكى بارلىق ھايۋاناتلار، يەنى سىلەر بىلەن بىرگە كېمىدىن چىققان ئۆي ھايۋانلىرى، ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۇچار قاناتلار بىلەن ئەھدە تۈزىمەن.