يۇنۇس 3:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى5 شۇنىڭ بىلەن نىنەۋىلىكلەر خۇداغا ئىشىنىپ، روزا تۇتۇشقا قارار قىلدى. پۈتۈن شەھەر خەلقى مەرتىۋىسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن بولۇشىغا قارىماي، ھەممىسى ماتەملىك كىيىم كىيىپ، توۋا قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. Gade chapit la |
ئېتىقادى ۋەجىدىن، نۇھ پەيغەمبەر تېخى كۆرۈلۈپ باقىمغان ۋەقەلەر ھەققىدە خۇدا تەرىپىدىن ئاگاھلاندۇرۇلغاندا، خۇدانىڭ سۆزىگە ئىتائەت قىلىپ، پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بىر كېمە ياسىدى. ھەمدە ئېتىقادى ئارقىلىق دۇنيادىكى ئادەملەرنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ جازالىنىشقا لايىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئېتىقادى ۋەجىدىن، ئۇ خۇدا تەرىپىدىن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلاندى.
كىشىلەرنىڭ ئەمدى قولۇم-قوشنىلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ‹پەرۋەردىگارنى بىلىۋېلىڭلار› دەپ تەلىم بېرىشى ھاجەتسىز. چۈنكى مەن پەرۋەردىگار شۇنى ئېيتىمەنكى، ئۇلار مەيلى مەرتىۋىسى يۇقىرى ياكى تۆۋەن بولسۇن، ھەممىسى مېنى تونۇيدۇ! مەن ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرۈۋېتىمەن ۋە ئۇلارنىڭ يامانلىقلىرىنى كۆڭلۈمدە قايتا ساقلىمايمەن.»