4 يۇنۇس شەھەرگە كىرىپ، شەھەرنى بىر كۈن ئارىلىغاندىن كېيىن: _ قىرىق كۈندىن كېيىن نىنەۋى شەھىرى خاراب بولىدۇ! _ دەپ جاكارلىدى.
ئەگەر بىر پەيغەمبەر مېنىڭ نامىم بىلەن سۆز قىلسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ سۆزلىرى ئەمەلگە ئاشمىسا، ئۇنىڭ سۆزى مەندىن كەلگەن ئەمەستۇر. ئۇ پەقەت ئۆز خاھىشى بىلەن سۆزلىگەندۇر، سىلەر ئۇنىڭغا پەرۋا قىلماڭلار.»
خۇدا ئۇلارنىڭ توۋا قىلغانلىقلىرىنى، يەنى يامان يوللىرىدىن يانغانلىقىنى كۆرگەندە، ئىلگىرى ئۆزى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرمەكچى بولغان بالايىئاپەتلەرنى ئۇلارغا چۈشۈرمىدى.
سېنىڭ ئۆمۈرۈڭنى يەنە 15 يىل ئوزارتىمەن. سېنى ۋە بۇ شەھەرنى ئاسسۇر پادىشاھىدىن قۇتقۇزىمەن. مەن ئۆز شان-شەرىپىم ۋە خىزمەتكارىم داۋۇتنىڭ ھەق-ھۆرمىتى ئۈچۈن بۇ شەھەرنى قوغدايمەن، دېدى›» دەپ ئېيتقىن.
پادىشاھ خىزكىيا شۇ مەزگىللەردە ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، ئۆلۈم گىردابىغا بېرىپ قالغانىدى. ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا پەيغەمبەر ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا: _ پەرۋەردىگار ساڭا مۇنداق دەيدۇ: «تەييارلىقلىرىڭنى قىلىپ قوي. ئەمدى سەن بۇ ئالەمدىن كېتىسەن، ساقىيالمايسەن»، _ دېدى.
قىيامەت كۈنى نىنەۋى شەھىرىدىكى خەلقمۇ قوپۇپ، سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن شىكايەت قىلىدۇ. چۈنكى، ئۇلار يۇنۇس پەيغەمبەرنىڭ تەلىمىنى ئاڭلاپ، يامان يولدىن قايتقان. بىراق، بۇ يەردە يۇنۇس پەيغەمبەردىنمۇ ئۇلۇغ بىرسى سىلەرنى يامان يولدىن قايتىشقا چاقىرسا، قۇلاق سالمىدىڭلار.
يۇنۇس پەيغەمبەردە يۈز بەرگەن ئىشلار نىنەۋى شەھىرىدىكى خەلققە بىر مۆجىزىلىك ئالامەت بولغىنىغا ئوخشاش، مەندە - ئىنسانئوغلىدا يۈز بېرىدىغان ئىشلارمۇ بۇ ئەۋلادقا يەنە شۇنداق مۆجىزىلىك ئالامەت بولىدۇ.
قىيامەت كۈنى، نىنەۋى شەھىرىدىكى خەلقمۇ قوپۇپ، سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن شىكايەت قىلىدۇ. چۈنكى، ئۇلار يۇنۇس پەيغەمبەرنىڭ تەلىمىنى ئاڭلاپ، يامان يولدىن قايتقان. بىراق، بۇ يەردە يۇنۇس پەيغەمبەردىنمۇ ئۇلۇغ بىرسى سىلەرنى يامان يولدىن قايتىشقا چاقىرسا، قۇلاق سالمىدىڭلار.
پەرۋەردىگار سىلەرگە رەھىمدىللىك قىلىشنى كۈتۈۋاتىدۇ، ئۇ سىلەرگە ھېسداشلىق قىلىشقا دائىم تەييار. چۈنكى پەرۋەردىگار ئادالەتلىك خۇدادۇر. ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلىغانلار بەختلىك بولىدۇ.
«ئەگەر سىلەر داۋاملىق بۇ زېمىندا تۇرساڭلار، مەن سىلەرنى قۇدرەتلىك قىلىمەن، ۋەيران قىلمايمەن. سىلەرنى ئۆستۈرىمەن، قومۇرۇپ تاشلىمايمەن. چۈنكى سىلەرگە ئاپەت ئېلىپ كەلگىنىمدىن ناھايىتى قايغۇردۇم.